چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزا ئاچچان كەنتى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى مەمەت مەمتىمىن بىلەن مۇھەممەت قادىرنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلغانلىقى
【发布时间】2019-10-19  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئاچچان يېزا ئاچچان كەنتى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 140 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3 مىڭ مېتىردىن ئاشىدۇ. ئىلگىرى بۇ يەردە ساقچى يوق ئىدى. 2017- يىلى 7- ئايدا، ئاچچان كەنتى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى رەسمىي قۇرۇلدى. خەلق ساقچىسى مەمەت مەمتىمىن بىلەن مەمەت قادىر بۇ يەرگە ئىشقا چۈشتى.

 

 يېقىندا، كەنت ئاھالىسى بارات ئابدۇۋەلىنىڭ بىر ئۆچكىسى شۇ كەنتتىكى بۇلاق تۇردىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ ئوت- چۆپلەرنى يەۋالدى. بۇلاق تۇردى ئاچكۆز ئۆچكىنى تۇتىۋىلىپ، قوينىڭ تىلىنى ئاستىنقى ئېڭىكىگە قوشۇپ سىم بىلەن باغلاپ، ئاندىن قويۇپ بەردى.

 

 بارات ئابدۇۋەلى بۇ ئىشنى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن بايقىدى. بۇلاق تۇردى دەسلەپتە بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. مەمەت مەمتىمىن بىلەن مەمەت قادىر ئىككىيلەن بۇلاق تۇردىنىڭ قوي قوتىنىدىن بۇنىڭغا ئوخشاش سىمنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى.

 بۇ ئىككى ساقچى ئىشنىڭ باش- ئاخىرىنى بىلگەندىن كېيىن مۇرەسسە قىلىشقا باشلىدى.

 ئۇلار ئىككى سائەتتىن ئارتۇق سەۋرىچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، بارات ئابدۇۋەلى بۇلاق تۇردىنىڭ ئوت- چۆپىنى تۆلەپ بېرىشكە ماقۇل بولدى ھەمدە كېيىن ئۆچكىسىگە ياخشى قاراشقا ۋەدە بەردى. بۇلاق تۇردىمۇ بۇ ئىشنى سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى، باراتنىڭ ئۆچكىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۇلىنى تۆلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 بۇنىڭغا ئوخشاش ماجىرالار ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا يىلىغا ئون نەچچە قېتىم كېلىپ تۇراتتى. مەمەت مەمتىمىن بىلەن مەمەت قادىر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىدا تۇرۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا ئويلىنىپ، قانۇن نەزەرىيەسى بىلەن زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلىپ كەلدى.

 بۇ يىل 2- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، بىر يۈك ئاپتوموبىلى كورلا شەھىرىدىن ئاچچان كەنتىگە بارىدىغان كانغا كېتىۋاتقاندا، يولنى مۇز تۇتۇپ كەتكەنلىكتىن قاپسىلىپ قېلىپ، ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدىن ياردەم سورىدى. ساقچىلار بۇ ئىشنى بىر نەچچە كەنت ئاھالىسىگە ئېيتتى، كەنت ئاھالىلىرى نۆلدىن تۆۋەن 40 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ تىراكتورىنى ھەيدەپ، قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىلنى سۆرەپ ئېلىپ كەلدى.

 مەمەت قادىر: «بۇ ئەسلىدە بىزنىڭ ئىشىمىز ئىدى. لېكىن، كەنت ئاھالىلىرى بۇ ئىشقا ئۆز ئىشىدەك قىزغىن مۇئامىلە قىلدى» دېدى. ئىلگىرى، ئاچچان كەنتىدە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا ياكى ماجىرالىشىپ قالسا، ئۆزلىرىگە ئەڭ يېقىن سارۋادون ساقچىخانىسىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولاتتى. خەلق ساقچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىگىلا يېرىم كۈن ۋاقىت كېتەتتى. ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار قانداق ئىش بولسا بۇ يەرگە كېلىپ ئىنكاس قىلىدىغان بولدى.

 ئاچچان كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ناھىيە بازىرىغا بېرىشى ئاسان ئەمەس ئىدى، قىشتا تېخىمۇ قولايسىز بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشىغا خالىس ياردەم بېرىش بۇ ئىككى خەلق ساقچىسىنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى. ھەر ئىككىسى بىردىن خاتىرە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ھەربىر ئائىلىنىڭ سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك بۇيۇملىرىنى تەپسىلىي خاتىرىلەيتتى.

 مەمەت قادىر 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، كەنت ئاھالىسى ياسىن ئىمىننىڭ ئېغىر زۇكام بولۇپ قالغىنىغا ئۈچ كۈن بولغانلىقى، توختىماي يۆتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ دەرھال ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا زۇكام دورىسى ئالغاچ كېلىشنى ھاۋالە قىلدى.

 مەمەت مەمتىمىن ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا يېڭى كەلگەندە، ئەتراپتىكى بىپايان چۆل- باياۋانلىق ھەمدە بىر نەچچە ئائىلىلىكلا بار كەنتنى كۆرۈپ، نۇرغۇن قېتىم بۇ يەردىن كەتمەكچىمۇ بولدى. ئەمما، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭغا دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ناھىيە بازىرىدىن گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغاندا؛ كەنت ئاھالىسى سالام مۇسا كۆپ قېتىم ئۇنىڭدىن موتوسىكلىتىغا ماي قاچىلاپ بېرىشنى ئۆتۈنگەندە؛ كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا ماجىرا يۈز بېرىپ، ئۇنى ئىزدەپ كەلگەندە، ئۇ بۇ يەردىن ئايرىلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچتى. چۈنكى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭغا مۇھتاج ئىدى.

 ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى قۇرۇلغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئىككى ساقچى ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بۈلدۈردى.

 مەمەت قادىر: «بىز بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە كەنت ئاھالىلىرى موتوسىكلىت مىنگەندە ئەزەلدىن قالپاق كىيمەيتتى، ماجىرالىشىپ قالسا كۆپىنچە مۇشت كۆتۈرۈپ قوپاتتى. ھازىر، ئۇنداق ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە بىخەتەرلىك ئېڭى ئۆستى، زىددىيەتلىشىپ قالسىمۇ ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن خەلق ساقچىلىرىنى ئىزدەپ ھەل قىلىدىغان بولدى» دېدى.

 قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە، ئىككى خەلق ساقچىسى چىن ھېسسىياتى بىلەن ھەربىر كىچىك ئىشنى ئەستايىدىل بىجىرىپ كەلمەكتە. ئەمما، ئۇلار «قاقاس قۇملۇقلا بار، ئەمما قاقاس ھايات يوق» دېگەن ئەقىدىنى باشتىن- ئاخىر قەلبىدە ساقلاپ كەلدى.

 

相关阅读