يىغىپ ساقلاش بۇيۇملىرى بازىرىدىكى قىلتاق
【发布时间】2019-10-20  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر دېلونى قوبۇل قىلدى. جىنايەت گۇماندارى ساختا مالنى قىممەتلىك ساقلاش بۇيۇمى قىلىپ كۆرسىتىپ، تېلېفوندا ئالدامچىلىق قىلىپ، 20 نەچچە ياشانغان كىشىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

 لى بوۋاي پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن يىغىپ ساقلاش، بولۇپمۇ خاتىرە پۇل قاتارلىق يىغىپ ساقلاش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ساقلاشقا ھېرىس بولۇپ قالغان. بىر كۈنى، لى بوۋاي ئۆزىنى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى لى لوڭ دەۋالغان بىرەيلەننىڭ تېلېفۇنىنى تاپشۇرىۋالغان. لى لوڭ تېلېفوندا ئۇنىڭغا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، خەلق بانكىسىنىڭ <ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى>، <چوڭ دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى> قاتارلىق نۇرغۇن خاتىرە پۇل، قاشتېشى تامغا قاتارلىق يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملارنى بازارغا سالغانلىقى، باھادا ئېتىبار بېرىپلا قالماي، سېتىۋالغۇچىنى يەنە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىگە ھەقسىز قاتناشتۇرىدىغانلىقى ھەمدە بۇ يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملارنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە يۇقىرى باھادا سېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 لى بوۋاي كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قىزىقىپ قالغان. ئۇ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەن بولسىمۇ ئەمما قاتنىشىپ باقمىغان. ئۇ كۆڭلىدە «بۇنداق ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىپ كەلمەيمەنمۇ، كىم بىلىدۇ يىغىپ ساقلاش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالامدىم تېخى» دەپ ئويلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇر، دەل دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولۇپ، خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان پەيت ئىدى. يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملارنىڭ قىممىتى كەلگۈسىدە چوقۇم ئۆسەتتى. بولۇپمۇ، خەلق بانكىسى بازارغا سالغان خاتىرە بۇيۇملارنىڭ سۈپەت قىممىتى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە لى لوڭ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ خەلق بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى، ئالدامچى ئەمەسلىكى، ھەربىر يىغىپ ساقلاش بۇيۇمىنىڭ ئورالمىسىغا بىردىنبىر مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەش نومۇرى بېسىلغانلىقىنى قايتا- قايتا تەكىتلىگەن. بۇنى ئاڭلىغان لى بوۋاينىڭ ھوشيارلىقى سۇسلىشىپ، دەرھال 1 مىڭ 600 يۈەنگە «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى» خاتىرە تەڭگىسى، 9 مىڭ 800 يۈەنگە قاشتېشى تامغا سېتىۋالغان.

 ئۇ ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ نەرسىلەرنىڭ قوپال ئىشلەنگەنلىكى، ساختا ماللىقى مانا دەپلا چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. لى لوڭ ئېيتقان ئاتالمىش «مەھسۇلات دەلىللەش نومۇرى» نىڭ ئەسلا ئىزناسى يوق ئىكەن. لى بوۋاي لى لوڭ بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىغان. لى بوۋاي بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەي، لى لوڭ تەمىنلىگەن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدىغان ئادرېس بويىچە ئىزدەپ بېرىپ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنىڭ ئەسلا مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى بايقىغان. شۇندىلا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ سېتىۋالغان يىغىپ ساقلاش بويۇملىرىنىڭ باھاسىنى باھالىتىپ كۆرۈپ، خاتىرە پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ ئون نەچچە يۈەن، تامغىنىڭ نەچچە ئون يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇ دېلودا، لى بوۋايغا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن يەنە 20 نەچچىسى بولۇپ، ئالداپ كېتىلگەن پۇل 800 يۈەندىن 100 نەچچە مىڭ يۈەنگىچە بولغان.

 جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تەھقىقلەش ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچى ۋاڭ X، ليۇ X قاتارلىق يەتتە ئادەمنى تۇتتى. ئۇلارنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئورۇنسىز تېلېفون بېرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلار توردىن يىغىپ ساقلاش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش خاتىرىسى بار ياشانغانلارنىڭ ئۇچۇرىنى سېتىۋالغان. ۋاڭ X، ليۇ X قاتارلىقلار ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغاچقا، شۈنيى رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلەندى. ئاخىرىدا، ۋاڭ X، ليۇ X ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئالتە يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. باشقا جىنايەتچىلەر جىنايەت سوممىسى ۋە قىلغان ئىشىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان مۇددەتتىكى جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.

相关阅读