ئاپتوموبىل ھەيدىمىسىمۇ خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولامدۇ؟
【发布时间】2020-01-23  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 جىنايەت گۇماندارى لى X جاڭ X نىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن يەن X تىجارەت قىلىۋاتقان بېيجىڭدىكى مەلۇم سودا- سانائەت چەكلىك شىركىتىگە ھەر توننىسى 5 مىڭ 900 يۈەن باھادا 6 توننىدىن ئارتۇق مېتىل بېنزول سېتىپ، قانۇنلۇق ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە ئىشلەتكەن. لى X ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنىڭ شوپۇرى ۋاڭ X نىڭ ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاڭ X تىن توشۇلىدىغان بۇيۇمنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى يوشۇرۇپ، ۋاڭ X نىڭ ئوبيېكتىپ جەھەتتىن يولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەپ، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى توشۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى سادىر قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان. ۋاڭ X ئالتە توننىدىن ئارتۇق مېتىل بېنزول قاچىلانغان ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، ساقچىلار ئۇنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن. تەكشۈرۈشتە، لى X نىڭ يەن X تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتكە ساتقان ھەمدە ۋاڭ X نى توشۇشقا بۇيرۇغان سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبى %98.01 لىك مېتىل بېنزول ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. باھالاشتا، بۇ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇمغا تەۋە دەپ بېكىتىلگەن. ئارقىدىن، جىنايەت گۇماندارى لى X جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان.

 مەزكۇر دېلودا، جاۋابكار لى X تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېلوغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دەسلەپكى مەزگىلدىكى سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ زەھەر ياسايدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ- سېتىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلمىدى. لى X ئۆزىنى ئاقلاپ، ئەشيا ئوبوروتى شىركىتىنىڭ شوپۇرىغا مېتىل بېنزول ئەمەس بەلكى مېتىل ئامىل ئاتسىتاتنى توشۇتقانلىقى، سېتىۋالغۇچىنىڭمۇ ئۆزىدىن مېتىل ئامىل ئاتسىتات سېتىۋالغانلىقى، مېتىل ئامىل ئاتسىتاتنىڭ زەھەر ياسايدىغان بۇيۇم ئەمەسلىكى، شۇڭا ئۆزىنىڭ جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى.

 دېلو بېجىرگۈچى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش باسقۇچىدا دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ، دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەپسىلىي رەتلەپ، لى X تىن مېتىل بېنزول سېتىۋالغان بېيجىڭدىكى مەلۇم سودا- سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىۋالغان مېتىل بېنزولنى نورمال ئىشقا، قانۇنلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 7- ماددىسىدا: «ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، سېتىۋالغان، توشۇغان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئىجازەت ئىسپاتى ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسپاتى بېجىرمەي، ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، سېتىۋېلىپ، توشۇپ، ھەقىقەتەن قانۇنلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئىشلەتكەنلەر، زەھەر ياسىغان بۇيۇملار جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

 يۇقىرىقى ئەدلىيىلىك ئىزاھاتقا ئاساسەن، دېلو بېجىرگۈچى بۇ دېلونى ئەدلىيىلىك ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن دەپ قارىدى. بۇ دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، لى X نىڭ ئادەتتە خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى تىجارەت قىلىش، توشۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىم مېتىل بېنزول سېتىشىنى، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىش قىلمىشى دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. بۇ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا مېتىل بېنزول ئېلىپ سېتىشقا تەۋە. لېكىن، بۇ ھەقىقەتەن قانۇنلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشقا ئىشلىتىش ئەھۋالىغا ئۇيغۇن. سېتىۋالغۇچىمۇ، ساتقۇچىمۇ زەھەر ياساش بۇيۇملىرى جىنايىتى بويىچە بىرتەرەپ قىلىنماسلىقى كېرەك، دەپ قارىدى.

 لى X نىڭ قىلمىشىدىن زەھەر ياسايدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى شەكىللەنمىسىمۇ، لى X نىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، جازالىنىشى كېرەك.

 «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دا، يولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەپ، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى توشۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. جىنايەت گۇماندارى لى X شوپۇرنىڭ ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شوپۇردىن يەنىلا ئۇنىڭ تۇشۇۋاتقىنىنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى يوشۇرۇپ، شوپۇرنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئېنىق بىلمىگەن ئەھۋالدا، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن يولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەپ، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى توشۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى سادىر قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان. لى X خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىنىڭ ۋاسىتىلىك باش جىنايەتچىسى، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.



相关阅读