بىر ئەر يېنىدا 15 كىملىكنى ئېلىپ يۈرگەن، ساقچىلار تەپسىلى تەكشۈرۈپ بۇ كىشىنىڭ توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى
【发布时间】2020-01-23  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 بىر ئەر چۈەنجۇ بېكىتىگە بېرىپ پويىزغا ئولتۇرماقچى بولدى. ساقچىلار ئۇنى تەكشۈرگەندە ئۇ يېنىدىن كەينى- كەينىدىن بىر قانچە كىملىكنى چىقىرىپ باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىشقا ئۇرۇندى. شيامېن تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى چۈەنجۇ ۋوگزالى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى يېقىندا چۈەنجۇ ۋوگزالىدا، توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قېچىپ يۈرگەن بىر قاچقۇننى قولغا چۈشۈردى. جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ X نىڭ قولغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا ئىشلەتكەن ھېيلىسى كىشىنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرەتتى.

 مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتە، خەلق ساقچىسى شياۋلىن چۈەنجۇ ۋوگزالى كىرىش ئېغىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋىتىپ، بىر ئەرنىڭ كىملىكىنى كۆپ قېتىم سۈركەپمۇ ۋوگزالغا كىرەلمىگەنلىكىنى كۆردى. بۇ ئەر چارلاش ساقچىلىرىنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ كېتىپ، كۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ، كىشىلەر توپى ئارىسىغا كىرىۋالماقچى بولدى. خەلق ساقچىسى شياۋلىن ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ يېنىغا بېرىپ تەكشۈردى.

 خەلق ساقچىسى شياۋلىن بۇ ئەردىن كىملىكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغاندا، بۇ ئەر مىسىلداپ يۈرۈپ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر كىملىكنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئالاقزادىلىك بىلەن ئۇنى خەلق ساقچىسىغا سۇندى. خەلق ساقچىسى شياۋلىن بۇ ئەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ئەرنىڭ تۇرقىنىڭ كىملىكتىكى سۈرەت بىلەن گەرچە ئازراق ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئەمما سۈرەتتىكى كىشىنىڭ سەل ئورۇق، بەش ئەزاسىنىڭمۇ كۆپ پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ساقچى ئۇنىڭغا بۇ گۇمانىنى ئېيتقاندا، بۇ ئەر ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يېقىندىن بېرى سەل سەمىرىپ، رەسىمدىكىگە ئوخشىماي قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن خەلق ساقچىسى شياۋلىن بۇ ئەردىن كىملىك نومۇرى ۋە ئائىلە ئادرېسىنى سورىغاندا، ئەرنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كىتىپ، ئۇزۇنغىچە جاۋاب بېرەلمىدى. ئارقىدىنلا ئىشتان يانچۇقىدىن يەنە بىر كىملىكنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ بايا جىددىيلىشىپ كېتىپ دوستىنىڭ كىملىكىنى چىقىرىپ سالغانلىقى، قولىدىكىسىنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

 خەلق ساقچىسى يەنە بىر قېتىم كىملىكنى تەكشۈرۈپ، سۈرەتتىكى چىراي بىلەن ئەرنىڭ چىرايىدا يەنىلا زور پەرق بارلىقىنى بايقىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئەر يەنە كىيىمىنىڭ يانچۇقىدىن 3- كىملىكنى چىقىرىپ، بۇ سۈرەتنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ بەك ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەرنىڭ كەينى- كەينىدىن ئۈچ كىملىكنى چىقارغانلىقىنى كۆرگەن شياۋلىن تېخىمۇ گۇمانلىنىپ، خىزمەتدىشى بىلەن بىللە بۇ ئەرنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈردى. ساقچىخانىدا، ساقچىلار بۇ ئەرنىڭ كىيىمى، يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن سومكىسىدىن جەمئىي 15 كىملىكنى تاپتى.

 ساقچىلار بۇ ئەرنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىلىپ قېچىپ يۈرگەن گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. بۇ ئەر، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تورخانىدا تور باشقۇرغۇچى بولغان مەزگىلدە، نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ چۈشۈرۈپ قويغان كىملىكىنى ئوغرىلىقچە يۇشۇرۇپ قويۇپ، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تېپىۋالغان بۇ كىملىكلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە ئازراق ئوخشاپ قالىدىغان بىر نەچچىسنى يېنىدا ساقلاپ، ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

 نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.



相关阅读