قانداق ئەھۋال پىيادىلەرگە يول بەرمەسلىككە كىرىدۇ؟ پىيادىلەر مېڭىشتىن توختىغاندا، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ماڭسا بولامدۇ؟
【发布时间】2020-01-24  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 2019 يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خەينىڭ شەھىرىدىكى بېي X ئاپتوموبىل ھەيدەپ سائىتىگە 30- 40 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كىتىۋېتىپ، ئالدى تەرەپتە پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. دەل شۇ ۋاقىتتا، پىيادىلەرمۇ بېي X نىڭ ئاپتوموبىلىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال مېڭىشتىن توختىغان. شۇنىڭ بىلەن، بېي X ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىيادىلەر توغرا سىزىقىدىن ئۆتكەن. شۇ چاغدا يول ئېغىزىدا قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى دەرھال سۆزلىشىش ئاپپاراتى بىلەن ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدىكى قاتناش ساقچىسىغا بېي X نى توسۇشنى ئېيتتقان ھەمدە نەق مەيداندا جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئاددىي تەرتىپى بويىچە جازالاش قارارنامىسىنى يېزىپ ۋە يەتكۈزۈپ، بېي X نىڭ پىيادىلەر يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يول بەرمىگەنلىكىنى بېكىتىپ، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇپ، ئۈچ نومۇر تارتىشنى قارار قىلغان.

 بېي X قايىل بولماي، شۇ جايدىكى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ جازاسىنى ساقلاپ قېلىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، بېي بېي X يەنە سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلغان، بېي X ئۆزىنىڭ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرگەنلىكى، پىيادىلەر مېڭىشتىن توختىغان ئەھۋالدا پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئاستا ئۆتۈپ، پىيادىلەرگە يول بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

 بۇ مەمۇرىي دەۋا دېلوسىغا قاراپ چىقىش جەريانىدا، قاتناشنى نازارەت قىلىش سىن كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، بېي X ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ دېلو يۈز بەرگەن يول ئېغىزىدىكى پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە، يۈرۈش سۈرئىتى گەرچە تېز بولمىسىمۇ، سۈرئەتنى ئاستىلاتمىغان، يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن سۈرئەت بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭغان. بۇ چاغدا پىيادىلەر بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە پىيادىلەر توغرا سىزىقىدا كېتىۋاتقان بولۇپ، بېي X نىڭ ئاپتوموبىلى پىيادىلەر توغرا سىزىقىغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ بولغان، پىيادىلەر ئاپتوموبىل سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىمىغانلىقى ھەمدە توختىمىغانلىقىنى بايقىغاندا، ئاندىن قەدىمىنى تەدرىجىي ئاستىلاتقان ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىغان. 

 شۇڭا، سوت مەھكىمىسى، پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتۈش جەريانىدا قەدىمىنى توختىتىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب بېي X ئېيتقاندەك پىيادىلەرنىڭ ئاپتوموبىلغا مېڭىش ئىشارىتى قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ قوللانغان ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتى دەپ بېكىتتى. بېي X بەلگىلىمە بويىچە ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يول بەرمەي، «يول قاتناش باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان، قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ جازا قارارىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق، قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى توغرا، تەرتىپى قانۇنلۇق بولغان دەپ قاراپ، قانۇن بويىچە بېي X نىڭ دەۋاسىنى رەت قىلدى.

 پىيادىلەر توغرا يول سىزىقى پىيادىلەر توغرا يولدىن ئۆتىدىغان مەخسۇس يول بولۇپ، قانۇندا پىيادىلەر ئۈچۈن توغرا يولدىن ئۆتكەندە تەسىس قىلىنغان قوغداش سىزىقى ھېسابلىنىدۇ. قىزىل، يېشىل چىراغ ئورنىتىلمىغان يول ئېغىزىدا، پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر توغرا سىزىقىدىن ئالدىن ئۆتۈش ھوقۇقى بار. دۆلىتىمىزنىڭ «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ 47- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتكەندە، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈشى؛ پىيادىلەر توغرا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بولسا، توختاپ يول بېرىشى كېرەك.

 شوپۇرلارغا سۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەر قىزىل، يېشىل چىراغ ئورنىتىلمىغان يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقانداق بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ توختاپ يول بېرىدىغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلالمايدۇ. شۇڭا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توختاپ يول بېرىشى؛ ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن پايدىلىنىپ پىيادىلەرنى توختاپ يول بېرىشكە مەجبۇرلىماسلىقى لازىم. بۇ ھەم قانۇندىكى ئېنىق بەلگىلىمە، شۇنداقلا، ئاجىز تەرەپ بولغان پىيادىلەرنىڭ يولدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان، قاتناش ھادىسىلىرىنى ئازايتىدىغان، ھاياتىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغان زامانىۋى مەدەنىي جەمىيەتنىڭ تەلىپى.

相关阅读