جان تىكىپ ئىشلەپ مۆجىزە ياراتقان يىگىت-- جاڭ پېڭ
【发布时间】2020-01-24  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ پېڭ بېيجىڭغا بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن مەملىكەت بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «فېڭچياۋچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى» غا نام بېرىش، تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى. خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى بىردىنبىر تاللانغان «فېڭچياۋچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى» ئىدى.

 48 ياشلىق جاڭ پېڭ ساقچى بولغان 24 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە «خەلق رازى مەمۇر» بولۇپ باھالاندى. يەتتە قېتىم شەخسىي «3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى» دەپ ئەنگە ئېلىندى. كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر مەمۇر» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»، «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى.

 جاڭ پېڭنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسى ساقچى بولۇش ئىدى. لېكىن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ بىر كارخانىغا تەقسىم قىلىندى. 1995- يىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش ساقچى تارماق ئەترىتى ئادەم قوبۇل قىلغاندا، جاڭ پېڭ قۇبۇل قىلنىپ، ئاخىرى ئۇچىسىغا ساقچى فورمىسى كەيدى.

 2001- يىلى، جاڭ پېڭ جاپالىق مەشىق قىلىشتەك ئالاھىدە ساقچى ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ساقچىسى بولدى. ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلالايدىغان جاڭ پېڭ ناھايىتى تېزلا كەسپىي تايانچقا ئايلاندى.

 13 يىللىق جىنايى ئىشلار ساقچىسى ھاياتىدا، جاڭ پېڭنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. 2014- يىلى، ئۇ پىڭدىڭشەن ساقچىخانىسىغا يۆتكىلىپ سىياسىي يېتەكچى بولدى.

 2016- يىلىنىڭ بېشىدا، جاڭ پېڭ ئارتىرىيە تومۇرى قىسىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. جاڭ پېڭ 13 سائەت كۆكرەك ئېچىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن، ئاخىرى ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى. 

 جاڭ پېڭ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، تەشكىلنىڭ تەيىنلىشى بىلەن، خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسىغا باشلىق بولدى. ئۇ، خىزمەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ساقچىخانىدىكى بارلىق خەلق ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ، ھەر يىلى خىزمەتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، قوشۇن باشقۇرۇشتا زور ياخشىلىنىش ھاسىل قىلدى.

 بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى، جاڭ پېڭ سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە «قالقانسىمان بەز راكى» بولغانلىقى ئېنىقلاندى. جاڭ پېڭ، يەنە بىر قېتىم چوڭ ئوپېراتسىيەنى باشتىن كەچۈردى. بۇ، دەل ئاپتونوم رايون بويىچە ساقچىخانىلار ئارىسىدىن مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنى باھالايدىغان ھالقىلىق مەزگىل ئىدى. جاڭ پېڭ سىياسىي يېتەكچىنىڭمۇ ئايالىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولغاچقا، بېيجىڭغا ئاپىرىپ داۋالىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، خاتىرجەم بولالمىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بوينىغا داكا يۆگىۋالغان، ئاۋازى بوغۇق جاڭ پېڭ ساقچىخانىدا پەيدا بولدى. ئۇ: «ساقچىخانىنىڭ شان- شەرىپى ئاسان قولغا كەلمىگەن. ئازراق چاتاق چىقسىلا قىلغان ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى.

 قوشۇن قۇرۇلۇشى ئاساس، «پارتىيەگە سادىق، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىدىغان، ئىنتىزامى قاتتىق» پولات قوشۇننى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، جاڭ پېڭ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ ساقچىخانىنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ، خىزمەتداشلىرىنى تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، كىشىلىك سېھرىي كۈچى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىگە تەسىر كۆرسەتتى ۋە تۈرتكە بولدى. 

 جاڭ پېڭ بىر تەرەپتىن ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، تەربىيەنى چىڭ تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنچىكە، كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن، ساپاسى كۈچلۈك ساقچىلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، ساقچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

 جاڭ پېڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ساقچىخانا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كىچىك ئاشخانا، چېنىقىش ئۆيى، كىر يۇيۇش ئۆيى، كۇتۇپخانا، بېسىم يېنىكلىتىش ئۆيى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، ۋاسكېتبول كوماندىسى، سۇ ئۈزۈش كوماندىسى تەشكىللىدى، دائىم ساقچىلار ئائىلە تەۋەلىرى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ساقچى لاگىرىنى ئېچىۋېتىش كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. 

 ئامانلىق باشقۇرۇشتا پاسسىپ ھالەتتىن تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۆتكەچكە، تەۋەلىك رايوندا مەلۇمات قوبۇل قىلىش مىقدارى، دېلو يۈز بېرىش نىسبىتى يىلدىن- يىلغا تۆۋەنلىدى. جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بېرىش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. بولۇپمۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئاممىۋى سورۇنلاردا دېلو يۈز بەرمىدى. خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بويىچە دېلو يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن ساقچىخانىغا ئايلىنىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %99 تىن ئاشتى.

 بۇ ساقچىخانا ھەر يىلى بىر نىشان بېكىتىپ، پىلان، قەدەم- باسقۇچ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، يىلسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھەر قېتىم جاڭ پېڭنىڭ پىلانىنى ئاڭلىغاندا، باشقىلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىشاتتى. جاڭ پېڭ: «ئىش ئادەمگە باغلىق، تىرىشساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق» دەيتتى.

相关阅读