ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭ
【发布时间】2020-01-25  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 چاغان مەزگىلىدە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرنى يوقلاشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. تۈرلۈك يىغىلىش، مېھماندارچىلىقلاردا ھاراق كەم بولمايدۇ. گەرچە، «ھاراق بولمىسا زىياپەت بولمايدۇ» دىيىلسىمۇ، لېكىن «ھاراقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش كېرەك» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى يەنىلا ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. بولمىسا، ھاراق ئىچىپ ھادىسە كېلىپ چىقسا، بايرامدا جەم بولۇش تەسكە توختايدۇ. ئادەتتە «ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك» دەيدىغان گەپ بار. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. بۇ، ئىزچىل قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما، يەنىلا نۇرغۇن شوپۇر دوستلار ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەكتە. يېقىندا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى داشىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى.

 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى سەھەر سائەت 2 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار جاۋ X گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ داشىن ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر KTV دا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، پىكاپنى ھەيدەپ داشىن ناھىيەسى تاۋچىڭ بازىرى تاۋيۈەن يولىدىن دېتيەن مەيدانى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، داشىن ناھىيە بازىرىدىكى «تاۋرەن» مەھەللىسى ئەتراپىغا كەلگەندە، ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقتىن ئالدى تەرەپتىكى قاتناش ئەھۋالىغا دىققەت قىلماي، يولدا كېتىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لوڭ X نى سوقۇۋەتكەن. لۇڭ X نىڭ باش قىسمى يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. دېلو يۈز بەرگەندە، جاۋابكار جاۋ X نىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قېنىدىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارى 243.7 مىللىگرام چىققان. داشىن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋ X نى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى بىلەن داشىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىگەن. 

 بۇنىڭدىن باشقا تەكشۈرۈشتە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋ X نىڭ ساقچىغا تېلېفون بېرىپ بۇ ئىشنى مەلۇم قىلغانلىقى ھەمدە لۇڭ X نى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتقانلىقى، داشىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ جاۋ X نى ۋەقەنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بىكىتكەنلىكى، چوڭزو شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ، دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋ X نىڭ لۇڭ X نىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ۋە ئىشتىن قېلىش ھەققى قاتارلىق ئىقتىسادىي زىيىنى ئۈچۈن جەمئىي 25 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىپ، لۇڭ X نىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىكىتكەنلىكى ئېنىقلانغان. 

 سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، جاۋابكار جاۋ X قاتناش- تىرانسپورت باشقۇرۇش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، يولدا مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارىدى.

 مەزكۇر دېلودا، جاۋابكار جاۋ X نىڭ دېلو سادىر قىلغاندا ھەر يۈز مېللىلېتىر قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 200 مىللىگرامغا يەتكەن. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەست بولۇپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكرى» نىڭ 2- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلىشى، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىشى، دېلودىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىشى ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى ۋە ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىشى جازا ئۆلچىگەندە تولۇق نەزەر ئېلىنىپ، ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ. 

 سوت مەھكىمىسى ئاخىرىدا جاۋابكار جاۋ X نى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىككى ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، ئۈچ ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھەمدە 3 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى.

相关阅读