ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىنمۇ سەپەر خاتىرىسى ۋە ئىش- پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق يۇشۇرسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟
【发布时间】2020-02-14  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۈن X ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۇڭ شەھىرى جىئەن بازىرىغا قايتقاندىن كېيىن، قىزىپ يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنى ئاپتوموبىل بىلەن لىدۇ دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان. كېيىن، سۈن X يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ لىدۇدىن جىئەن بازىرىغا قايتقان، ئاپتوموبىلدا نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئۇچراشقان.

 1- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سۈن X نىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان، ئۇنىڭ ئوغلى ئاپتوموبېل ھەيدەپ ئۇنى نەنچۇڭ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ جىددىي داۋالاش رايونىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان. دوختۇر ئۇنى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچى» دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنى ئايرىپ داۋالاشنى ئېيتقان. سۈن X نەسىھەتكە قۇلاق سالماي دوختۇرخانىدىن غىپپىدە قېچىپ كەتكەن ھەمدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ جىئەن بازىرىغا قايتقان. ئاپتوبۇستا نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئۇچراشقان. 1- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 14 لەردە، خىزمەتچى خادىملار سۈن X نى مەجبۇرىي ئايرىپ داۋالىغان. ئۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە قوبۇل قىلىنىپ ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ، ھەقىقىي مۇساپىسى ۋە پائالىيەت ئىزىنى يوشۇرۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تارماقلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان نۇرغۇن كىشى تېپىلمىغان. ھازىر 21 كىشى ۋە جىئەن بازىرىدىكى ئۈچ مەھەللە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

 مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى سۈن X نى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. نەنچۇڭ شەھىرى جيالىڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، تەھقىقلەپ دەلىل- ئىسپات ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش قانۇنى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغانلاردىن، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 114-، 115- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىگە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 330- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يۇقۇملۇق كېسەللىكنى داۋالاش ۋە داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى بويىچە جىنايەت بىكىتىپ جازالىنىدۇ.

 زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى (نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان تەشكىلاتلىرىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، دۆلەت ئورگىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۆلەت ئورگىنىغا ۋاكالىتەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان تەشكىلاتلاردىكى ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى شتاتىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، دۆلەت ئورگىنىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۈچۈن قوللانغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كارانتىن قىلىش، مەجبۇرىي ئايرىپ داۋالاش، ئايرىپ داۋالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ. قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىغا زوراۋانلىق بىلەن قارشىلاشقان، ھۇجۇم قىلغانلارغا ھۆكۈمەت خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بېكىتىلىپ، ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

 

相关阅读