ياۋايى ھايۋاناتلارغا قارا قولىنى سۇنغان فۇجيەنلىك ئەر قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلدى
【发布时间】2020-02-21  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىككىنچى تۈركۈمدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە توسقۇنلۇق قىلىش- بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنىڭ تىپىك مىساللىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ دېلولارنىڭ ئىچىدە، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇيىشەن شەھىرىدىكى چېن X دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو بار. چېن X دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن جازالاندى.

 بۇ يىل 1- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇيىشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاممىنىڭ «ۋۇيىشەن شەھىرى شىڭتيەن بازىرى شىجياۋ كەنتىدىكى چېن X ئائىلىسىدىكىلەر باشقا ئىش قىلماي، مەخسۇس ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ گۆشىنى سېتىۋاتىدۇ» دەپ پاش قىلغان مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ۋۇيىشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا ۋۇيىشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىگە يوللاپ بەردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16 لەردە، ۋۇيىشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى چېن X نىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرۇپ، توڭلاتقۇدا ساقلانغان تولۇق يۇڭدالغان بەش قىرغاۋۇلنىڭ پۈتۈن گۆشى، ئاق پەيلىرى بار 6 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى قىرغاۋۇلنىڭ ئۈچ پارچە قۇيرۇق قىسمىنىڭ گۆشى ۋە بۇغا گۆشىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئېغىرلىقى 13.6 كىلوگرام كېلىدىغان توققۇز پارچە گۆشنى بايقىدى ۋە تۇتۇپ قالدى. باھالاپ بېكىتىش ئارقىلىق، تۇتۇپ قېلىنغان بەش دانە يۇڭدالغان قىرغاۋۇلنىڭ پۈتۈن گۆشى ۋە ئاق پەيلىك ئۈچ پارچە قىرغاۋۇلنىڭ قۇيرۇق قىسمىنىڭ گۆشى، دۆلەت تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى قۇش ئاق قىرغاۋۇلنىڭ گۆشى ئىكەنلىكى؛ تۇتۇپ قېلىنغان توققۇز پارچە بۇغا گۆشىنىڭ، 2000- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى «دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان پايدىلىق ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي، ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋاناتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن قىزىل بۇغىنىڭ گۆشى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

 چېن X نىڭ ئىقرار قىلىشىچە، 2019- يىلى 11- ئايدىن بۇ يىل 1- ئايغىچە ئۆزى يېيىش ئۈچۈن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم ۋۇيىشەن شەھىرىنىڭ شىڭتيەن بازىرى شىجياۋ كەنتىدىكى شۇاڭشىلوڭ تاغلىق مەيدانىغا بېرىپ، سېتىۋالغان 10 قاپقان بىلەن ئاق قىرغاۋۇلدىن بەشنى، قىزىل بۇغىدىن ئىككىنى تۇتقان ھەمدە ئۆلتۈرگەن. شۇ كۈنى كەچتە، ۋۇيىشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى چېن X نى قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش جىنايەت بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان.

  مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنى، ۋۇيىشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى ۋۇيىشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە چېن X قولغا ئېلىش تەكلىپىنى بەردى. ۋۇيىشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى چېن X ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلارنى قانۇنسىز ئوۋلىغان، تۇتقان، ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋاناتلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق، دەپ قاراپ، قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارارى چىقاردى. ۋۇيىشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، چېن X نىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بايقاپ، بۇ دېلو ئۈستىدە جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەق تەلەپ دەۋاسى بويىچە ئەيىبلەشنى قارار قىلىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى بۇ جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەق تەلەپ دەۋاسى بويىچە ئەيىبلەش دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى توردا دەۋادىن بۇرۇنقى ئۇقتۇرۇشنى چىقاردى.

 دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلارنى قانۇنسىز ئوۋلىغان، ئۆلتۈرگەنلەرگە «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 341- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

 

相关阅读