بىر ئۆي ئىككى قېتىم سېتىلغان بولسا، ئۆينى زادى كىمگە بېرىش كېرەك؟
【发布时间】2020-02-22  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھەر ئاھالىسى لى X ئۆي- زېمىن شىركىتى بىلەن تاۋار ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ، بىر يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىۋېلىشنى پۈتۈشكەن. پۇل تۆلەش ۋاقتىنى شۇ يىلى 11- ئايدا دەپ بىكىتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي، لى X ئۆي- زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە ئۆي پۇلى، خوجىلىق ھەققى، سۇ ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى تاپشۇرغان ھەمدە ئۆيگە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن.

 شۇ يىلى 10- ئايدا، ئۆي- زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يەنە فېڭ X بىلەن توختام ئىمزالاپ، تاۋار ئۆينى بىر قەدەر يۇقىرى باھادا فېڭ X كە سېتىپ بەرگەن. كېيىن، فېڭ X ئىشىك قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇپ تالاش- تارتىش كېلىپ چىققان ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن. لى X فېڭ X نى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشى سادىر قىلدى دەپ قارىغان، فېڭ X ئۆزىنىڭ توختام تۈزگەندىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىش پۇلىنى تاپشۇرغانلىقى، ئۆينى ئىگىلەپ ئىشلىتىشىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككى تەرەپ بۇ سەۋەپتىن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

 سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، دېلودىكى تالاش- تارتىش پەيدا قىلغان تاۋار ئۆي توردا ئەنگە ئېلىنغان. ھوقۇق ئىگىسى لى X. توردا ئەنگە ئېلىنغان توختامنىڭ كۈچى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ قاراپ فېڭ X نى ئۆينى لى X كە بىكارلاپ تاپشۇرۇپ بېرىش ھەمدە ئۆينى ئىگىلىۋالغان مەزگىلدىكى 40 مىڭ يۈەن زىياننى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان.

 لى X ئۆي- زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن تاۋار ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش توختامى تۈزگەن. تالاش- تارتىش پەيدا قىلغان ئۆي ئاۋۋال لى X كە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، لى X ئۆي- زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىمزالىغان تاۋار ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش توختامى ئۆي- مۈلۈك تۇرالغۇ تارمىقى تەرىپىدىن توردا ئەنگە ئالدۇرۇلغان. تالاش- تارتىش قىلىنىۋاتقان ئۆينىڭ ھوقۇق ئىگىسى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى لى X.

 بىر ئۆي تەكرار سېتىلغاندا، كىمنىڭ ھوقۇقى ئالدىن قوغدىلىدۇ؟ ئەگەر، بىر نەچچە پارچە توختام كۈچكە ئىگە بولسا ھەمدە ھەر قايسى سېتىۋالغۇچىلار توختامنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئادەتتە ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشنى تىزىملاش، قانۇنلۇق ئۆي ئىگىلەش ۋە سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنىڭ ئىلگىرى- كېيىنلىكى قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە ھوقۇقنى قوغداش تەرتىپىنى بېكىتىش كېرەك. ئۆيگە ئېرىشەلمىگەن تەرەپ توختام قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ساتقۇچى تەرەپتىن توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادۋوكات ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش- سېتىش توختامى ئىمزالىغاندىن كېيىن، مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى تاماملاپ، ماجىرا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.