يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىگە ماسلىشىش ھەر بىر پۇقرانىڭ مەسئۇلىيىتى
【发布时间】2020-03-27  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 2- ئاينىڭ 7- كۈنى سەھەردە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرغان ئاھالە ئا X بىلەن تاڭ X دوستىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئولتۇراق رايوننىڭ يېپىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە قارىماي، دوستىنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا دېرىزىسىدىن ئارتىلىپ كىرىپ، باشقا تۆت كىشى بىلەن توپلىشىپ ھاراق ئىچكەن.

 ھاراقنى كۆپ ئىچكەچكە ئۇلار تاكاللىشىپ قالغان. ھاراقنىڭ كۈچىدە، ئا X، تاڭ X، يې X، با X قالغان ئىككى ئادەمنى بىرلىشىپ ئۇرۇپ، بىرسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن دوختۇرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇ X نى يېنىك 1- دەرىجىلىك زەخمىلەنگەن دەپ بېكىتكەن.

 دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق بولغاچقا، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈچ سائەت توردا سوت قىلىپ، شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، با X قاتارلىق تۆت كىشىنى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن بىر يىلدىن بىر يىل ئىككى ئايغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

 مەزكۇر دېلو، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدە قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىگە دائىر تۇنجى دېلو ھېسابلىنىدۇ.

 مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بۇ دېلوغا مەسئۇل سوتچى قۇۋاش تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىگە ماسلىشىش ھەر بىر پۇقرانىڭ مەسئۇلىيىتى. ئەمما، بەزىلەر بۇ بەلگىلىمىلەرنى كۆزگە ئىلماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئۆزى ماسلاشمايلا قالماي، يەنە توپلىشىپ ھاراق ئىچىپ ئۇرۇشقان. بۇنداق قىلمىشنى چوقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك».

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234- ماددىسىدا، «باشقىلارنى قەستەن زەخىملەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى پەۋقۇلئاددە ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئېغىر مېيىپ قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

 سوتچى قۇۋاش مۇنداق دېدى: «يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، پۇقرالار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بەلگىلىمىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ماسلىشىشنى رەت قىلىش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە دەخلى يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ».