قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغۇچىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
【发布时间】2020-03-28  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

يېقىندا، جىنەن شەھىرى گاۋشىن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغۇچىغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. جاۋابكار، ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقتىن مۇددەتلىك 10 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

 2018- يىلى 8- ئايدىن 2019- يىلى 1- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە جاۋابكار ئۆزىنى «قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېرى، بوۋام پېنسىيەگە چىققان كادىر، دادام شى دەرىجىلىك كادىر، ئانام كومپيۇتېر ئىنژېنېرى، بىر قانچە يەردە ئۆيۈم بار» دەپ ساختا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىققان. يەنە داۋاملىق دوستلار چەمبىرىكىگە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ چارلاشقا چىققان ۋە ئۆزىنىڭ ساقچى فورمىسى كىيگەن سۈرىتىنى چىقىرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لى X، ۋۇ X، جاۋ X، ليۇ X نىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن. ئۇ، يەنە سودا قىلىش، ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىش، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى دوختۇرخانىدا يېتىش، بانكا كارتىسى توڭلىتىلىش قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لى X قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. ئۇ، بۇنىڭ ھەممىسىنى شەخسىي ئىستېمال ۋە شەخسىي قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن.

 جىنەن شەھىرى گاۋشىن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىقىپ، جاۋابكار قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش چارىسى بىلەن باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. سوممىسى ناھايىتى كۆپ، جاۋابكارنىڭ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جاۋابكارنى تېلېفون بېرىپ دېلوغا چاقىرتىپ كەلگەندىن كېيىن، جاۋاپكار ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلغان. قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ دەپ قاراپ، يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقارغان.

 جىنەن شەھىرى گاۋشىن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى: شەھەر ئاھالىلىرى باشقىلارغا قەرز بەرمەكچى بولغاندا قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتى ۋە قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا دىققەت قىلىشى، قارشى تەرەپنىڭ ياغلىما سۆزلىرى ۋە سىرتقى قىياپىتىدىن قايمۇقۇپ قالماسلىقى، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغاندا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دېلو مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتىپ، ئالدامچىلىق جىنايەتچىلەرگە ئالدامچىلىق قىلىشنى توختۇتۇشنى، ئالدامچىلىق قىلغان ھامان تۇتىلىدىغانلىقى، تەلەي سىناپ، تەييارغا ھەييار بولۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.