ساياھەت داۋامىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرەمدۇ؟
【发布时间】2020-03-29  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 2018- يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچىدىكى ۋاڭ چياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن 46 كىشى ساياھەت شىركىتى تەشكىللىگەن ئىككى كۈنلۈك ساياھەت تۈرىگە قاتناشتى. ساياھەت شىركىتى سۇغۇرتىلاتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاڭ چياڭ قاتارلىق 46 كىشى ئۈچۈن مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىدىن ساياھەت تاسادىپىي سۇغۇرتىسى سېتىۋالغان. سۇغۇرتا مەزمۇنى، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ قىلىش، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سۇغۇرتا سوممىسى 100 مىڭ يۈەن، داۋالىنىش خىراجىتى سۇغۇرتا سوممىسى 20 مىڭ يۈەن، سۇغۇرتا مۇددىتى 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 13 تىن 41 مىنۇت ئۆتكەندىن 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 23 تىن 59 مىنۇت 59 سېكۇنت ئۆتكەنگە قەدەر بولغان.

 ۋاڭ چياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 19- كۈنى ساياھەت مەنزىلىگە يېتىپ بارغان. ئەتىسى سەھەردە، ۋاڭ چياڭنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنىڭ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. ۋاڭ چياڭ شۇ كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، دوختۇر ۋاڭ چياڭغا «تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن» دەپ دىياگنوز قويغان. ۋاڭ چياڭنىڭ ئوغلى ۋاڭ شياۋ دادىسىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىغا باھالاشنى ھاۋالە قىلغان. ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى 2018- يىلى 7- ئايدا باھالاش پىكرى چىقىرىپ، ۋاڭ چياڭنىڭ «تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن» لىكىنى بىكىتكەن.

 ۋاڭ شياۋ باھالاش نەتىجىسىنى ئالغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا تالونىغا ئاساسەن مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغان. لېكىن، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان. سۇغۇرتا شىركىتىدىكىلەر: «ۋاڭ چياڭ ساياھەت مەنزىلىگە يېتىپ بارغان كۈنى ھاراق ئىچكەن. ۋاڭ چياڭنىڭ ئۆلۈشىگە ھاراق ئىچكەنلىكى سەۋەپ بولغان. سۇغۇرتا توختامىغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۇغۇرتا تالونىنىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىدىكى جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبى ئىچىدىكى <سۇغۇرتىلانغۇچى مەست بولۇپ قالغان> ئەھۋالغا تەۋە. شۇڭا، شىركىتىمىز تۆلەم بەرمەيدۇ» دېگەن. ۋاڭ شياۋ شۇنىڭ بىلەن سۇغۇرتا شىركىتىنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورت خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا سوممىسى، داۋالىنىش خىراجىتى، باھالاش ھەققى بولۇپ جەمئىي 110 نەچچە مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورت خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ساياھەت شىركىتى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى ئىمزالىغان «ساياھەتتە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن جىددىي كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ياكى پۈتۈن مېيىپلىك سۇغۇرتىسى قوشۇمچە ماددىسى» دىكى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنىڭ 5- ماددىسىدا، «بۇ قوشۇمچە سۇغۇرتا توختامى سۇغۇرتىسى مەزگىلىدە، سۇغۇرتىلانغۇچى ساياھەت مەزگىلىدە تۇيۇقسىز جىددىي كېسەل بولۇپ قالسا ھەمدە كېسەل بولغان كۈندىن باشلاپ 180 كۈن ئىچىدە بۇ جىددىي كېسەل بىۋاستە ھەم ئايرىم سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كەتسە، سۇغۇرتىچى بۇ قوشۇمچە سۇغۇرتا توختامىغا يېزىلغان سۇغۇرتا سوممىسى بويىچە تاسادىپىي جىددىي كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش سۇغۇرتا پۇلىنى سۇغۇرتىلانغۇچىغا بىراقلا بېرىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

 سوت مەھكىمىسى، دېلوغا چېتىشلىق توختام دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقىي مەقسەت ئىپادىسى بولۇپ، مەزمۇنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئەمەس. قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە توختام. ئىككى تەرەپ توختامدىكى پۈتۈم بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ۋاڭ شياۋ، ۋاڭ چياڭنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇنلۇق ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. سۇغۇرتا توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە جاۋابكارغا ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. سۇغۇرتا شىركىتى «ۋاڭ چياڭنى ھاراق ئىچىپ ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ، سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتىچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش دېگەن ماددىغا ئۇيغۇن» دېگەن ئەھۋالغا قارىتا، ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى ۋاڭ چياڭنىڭ سۇغۇرتا مۇددىتى ئىچىدە كېسەل سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىدى. بۇ، دېلوغا چېتىشلىق سۇغۇرتىنىڭ جاۋابكارلىق دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى، بۇ ھادىسىنىڭ سۇغۇرتىچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش ماددىسىدا پۈتۈشكەن ئەھۋالغا چۈشمەيدىغانلىقى، جاۋابكارنىڭ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىدى.

 يېقىندا، سوت مەھكىمىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سۇغۇرتا شىركىتىنى ۋاڭ شياۋغا 110 نەچچە مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم چىقاردى.

相关阅读