توردا دوست تۇتۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
【发布时间】2020-05-30  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 2019- يىلى 10- ئايدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بېيجىڭ شەھىرىدىكى ۋاڭ X يان تېلېفوندىكى «مو مو» پاراڭلىشىپ دوستلىشىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئايال قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بۇ يۇمشاق دېتالنى رويخەتكە ئالدۇرغان جاۋابكار لى X نى قوشقان ھەمدە دوستلاشقان.

 پاراڭلىشىش جەريانىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ X لى X كە ئۆزىنىڭ ئۇدۇل چۈشكەن سۈرىتى ۋە مەخپىي سۈرىتىنى ئەۋەتكەن. كېيىن، لى X جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، ئائىلە قىيىنچىلىقى، قارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن پۇل ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پۇل ئەۋەتىپ بەرمىسە، ۋاڭ X نىڭ مەخپىي سۈرىتىنى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يوللاپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لى X يەنە ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ۋاڭ X كە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ تەھدىت سېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۇنىڭغا توختىماي پۇل ئەۋەتىشكە مەجبۇرلىغان. دېلو يۈز بەرگەنگە قەدەر، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۈندىداردا لى X كە 42 مىڭ 940 يۈەن ئەۋەتىپ بەرگەن، چىقىمدان چىپار كودىنى سىكاننېرلاپ 3 مىڭ 368 يۈەن ئەۋەتكەن، ئەۋەتكەن پۇلى جەمئىي 46 مىڭ 308 يۈەن بولغان.

 سوت مەھكىمىسى دېلونى قاراپ چىقىپ: «جاۋابكار لى X قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى ۋاسىتە قىلىپ، باشقىلارنىڭ پۇل- مېلىنى قاقتى- سوقتى قىلغان، پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپات راست، تولۇق، لى X نىڭ قىلمىشىدىن قاقتى- سوقتى قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لى X زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۆزىگە توختىماي پۇل ئەۋەتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قورقۇتقان. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئېغىر جازا بېرىش كېرەك. جاۋابكار لى X قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، زاڭ پۇلنى تولۇق قايتۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەرىمانىنى تاپشۇرغان، يېنىك جازا بېرىشكە بولىدۇ» دەپ قارىدى. كېڭەشمە سوت ئۇنىۋېرسال باھالاپ، جاۋابكار لى X كە قانۇن بويىچە ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەمدە 5 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى، دېلو سادىر قىلىشقا ئىشلەتكەن يان تېلېفونىنى مۇسادىرە قىلدى.

 سوتچى مۇنداق ئەسكەرتتى: «ئۈندىدار، ‹مو مو› غا ئوخشاش پاراڭلىشىپ دوستلىشىش يۇمشاق دېتاللىر كۆپلەپ بارلىققا كەلمەكتە. كەڭ تورداشلار توردا دوستلىشىش ئېلىپ كەلگەن قولايلىق ۋە خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۇشيارلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقى، توردا خالىغانچە چىقىم قىلماسلىقى، ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. يەنە، توردا قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلىشقا ئۇرۇنغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۈچۈن تور ھەرگىزمۇ قانۇننىڭ سىرتىدىكى جاي ئەمەس. تەلەي سىناشقا، قانۇن بىلەن ئوينىشىشقا جۈرئەت قىلغانلار قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

相关阅读