يان تېلېفوننى تېپىۋېلىپ قايتۇرماسلىق توغرىمۇ؟
【发布时间】2020-06-01  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  لى X 2019 - يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى، مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن 9 مىڭ 500 يۈەنگە «ئالما» ماركىلىق بىر يان تېلېفون سېتىۋالغان. لى Xشۇ يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى مەلۇم ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېگەن، ئاشخانا سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى قىلغاچقا، يان تېلېفوندا ئېتىبار كارتىسى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلگەن، لى X مۇلازىمغا يان تېلېفونىنى بېرىپ، مەشغۇلات قىلغۇزغاندىن كېيىن، يان تېلېفوننى ئۈستەلنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇپ، تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، يان تېلېفوننى ئېلىشنى ئۇنتۇپ كېتىپ قالغان.

  لى X ئاشخانىدىن چىققاندىن كېيىن يان تېلېفونىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ، ئاشخانىغا قايتىپ بېرىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ، تاپالمىغان. لى X دەرھال باشقىلارنىڭ يان تېلېفونىنى ئارىيەت ئېلىپ ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىغا تېلېفون بەرگەن، يان تېلېفونى ئېتىك چىققان. شۇنىڭ بىلەن، لى X ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار نازارەت قىلىش ئۈسكىنىسىدىكى سىنالغۇ لېنتىسىنى كۆرۈپ، چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق يان تېلېفوننى ئالغان كىشىنىڭ جاڭ X ئىكەنلىكىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن، جاڭ X نى ساقچىخانىغا چاقىرتقان، جاڭ X يان تېلېفوننى ئۆزى تېپىۋالغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، بېرىشنى رەت قىلغان. لى X ئامالسىز سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، جاڭ X تىن تېپىۋالغان يان تېلېفوننى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى باھاسى بويىچە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

  دېلو قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچى سوتچى ئالدى بىلەن جاۋابكار جاڭ X بىلەن ئالاقىلىشىپ خىزمەت ئىشلىگەن، جاڭ X دەسلەپتە ناھايىتى قاتتىق پوزىتسىيە بولۇپ، يان تېلېفوننى قايتۇرۇشنى رەت قىلغان. دېلو بېجىرگۈچى سوتچى جاڭ X بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا قانۇننى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، لى X بىلەن مۇرەسسە قىلىش قىلىپ، تېلېفوننى باھاغا سۇندۇرۇپ لى X كە 7 مىڭ يۈەن بەرگەن، بۇ دېلودىكى ماجىرا شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىمدىلا ھەل قىلىنغان.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ 109- ماددىسىدا: «يۈتكەن نەرسىنى تېپىۋالغانلار ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى؛ تېپىۋالغۇچى ئىگىسىگە ئېلىۋېلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك»، 111- ماددىسىدا: «تېپىۋالغۇچى يۈتكەن نەرسىنى ئالاقىدار تارماققا تاپشۇرۇپ بەرگۈچە ، ئالاقىدار تارماق يۈتكەن نەرسىنىڭ ئىگىسى چىققۇچە ئوبدان ساقلىشى؛ قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن يۈتكەن نەرسىنى بۇزۇپ قويغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.