سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھادىسىگە ئۇچرىسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرەمدۇ؟
【发布时间】2020-06-02  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 ياڭ X شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدىكى يېرىم چاتما كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل شوپۇرى. ئۇنىڭ ھەيدەش تېخنىكىسى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل يول تىرانسپورت كەسپكارلىق سالاھىيەت كېنىشكىسى ئالمىغان. ئۇ بۇلتۇر، رىجاۋ شەھىرىدىكى مەلۇم تىرانسپورت شىركىتىگە ياللىنىپ ئىشلىگەن. ئۇ بىر كۈنى، يېرىم چاتما كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېتىۋىتىپ يول ئېغىزىدىن نورمال ئۆتۈۋاتقان پىكاپنى سوقۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئاپتوموبىلى ۋە شوپۇر لى X نى يارىلاندۇرغان. قاتناش ساقچىسى، ياڭ X ۋەقەدە بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لى X مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، دەپ بىكىتكەن. لى X، يېرىم يىلدىن كېيىن رىجاۋ شەھىرى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، رىجاۋ شەھىرىدىكى مەلۇم تىرانسپورت شىركىتى ۋە يېرىم چاتما كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلى سۇغۇرتىلانغان سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۈرلۈك ئىقتىسادىي زىيان ئۈچۈن جەمئىي 150 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 ياڭ X يول تىرانسپورت كەسىپكارلىق سالاھىيەت كېنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارسا، سودا ئۈچىنچى تەرەپ سۇغۇرتىسى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىشكە بولامدۇ- يوق؟ دېگەن مەسىلە مەزكۇر دېلودىكى تالاش- تارتىشنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان. بۇنىڭدا مۇنداق ئىككىن خىل قاراش كېلىپ چىققان:

 بىرىنچى خىل قاراش: «يول تىرانسپورت كەسىپكارلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نىڭ 6- ماددا 3- تارمىقىدىكى «تىجارەتلىك يول يولۇچى، يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرى ۋە يول خەتەرلىك يۈك تىرانسپورت كەسىپكارلىرى مۇناسىپ كەسىپكارلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مۇناسىپ يول تىرانسپورت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ» دېگەن مەزمۇنغا ئاساسەن، ياڭ X يول تىرانسپورت كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ، دېلوغا چېتىشلىق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان. شۇڭا، سۇغۇرتا شىركىتى سودا ئۈچىنچى تەرەپ سۇغۇرتىسى دائىرىسىدە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

 ئىككىنچى خىل قاراش: ياڭ X ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىغا ماس كېلىدىغان پىراۋىغا ئىگە، يول تىرانسپورت كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنىڭ بار- يوقلۇقى شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ماھارىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى سودا ئۈچىنچى تەرەپ سۇغۇرتىسى دائىرىسىدە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 كەسپىي خادىملار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يول تىرانسپورت كەسىپكارلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نىڭ 6- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تىجارەت خاراكتېرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەشتە يول تىرانسپورت كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىكى مەقسەت، يول كەسىپكارلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش. بۇ، پەقەت ئالاقىدار تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شوپۇرلارنىڭ كەسپىي ساپاسىغا بېرىلگەن ئاساسىي باھا، شوپۇرلارنىڭ ھەيدەش ئىقتىدارىنى سىناشقا چېتىلمايدۇ. بۇ بەلگىلىمە، پەقەت بىر خىل مەمۇرىي باشقۇرۇش ئېھتىياجى، باشقۇرۇش خاراكتېرلىك قائىدىگە تەۋە. «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» دىكى چەكلەش ياكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە ئەمەس. يول تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت كېنىشكىسى پىراۋا بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئەمەس. شوپۇردا ھەيدەۋاتقان ئاپتوموبىلغا ماس كېلىدىغان پىراۋا بولۇشى كېرەك. يول تىرانسپورت كەسىپكارلىرىدا كەسىپكارلىق سالاھىيەت كېنىشكىسىنىڭ بولۇش- بولماسلىقى شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ماھارىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بۇ، مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ. قانۇندا چەكلەنگەن ياكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە ئەمەس. مەزكۇر دېلودا، ياڭ X نىڭ مۇناسىپ پىراۋىسى بار. دېلوغا چېتىشلىق ئاپتوموبىلنى قانۇنلۇق ھەيدىسە بولىدۇ. 

 ھادىسە يۈز بەرگەندە، ياڭ X نىڭ يول تىرانسپورت كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنىڭ يوقلىقى بۇ قېتىمقى ھادىسە يۈز بېرىشى بىلەن سەۋەب- نەتىجە باغلىنىشى يوق. يول تىرانسپورت كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنىڭ يوقلىقى، سۇغۇرتىلانغان ئاپتوموبىلدا ھادىسە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋىتىشى ناتايىن. شۇڭا، سۇغۇرتا شىركىتى سودا ئۈچىنچى تەرەپ سۇغۇرتىسى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىشى كېرەك. ئاخىرىدا، بۇ دېلودىكى سوت كوللېگىيىسى لى X نىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.