ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرمىسا، ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ؟​
【发布时间】2020-06-07  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 بېيجىڭ شەھىرىدىكى جاۋ خانىم ئىشلەمچى بولۇپ، D شىركەت بىلەن ئەمگەك- مۇلازىمەت مەزمۇنى توغرىسىدىكى «ئەمگەك- مۇلازىمەت كېلىشىمنامىسى» ئىمزالىغان. 2017- يىلى جاۋ خانىم تازىلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىپ كارتا سۈركەش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بولمىغان قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. سوت مەھكىمىسى جاۋ خانىم بىلەن D شىركەت ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، جاۋ خانىم ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلغان. بېيجىڭ شەھىرى خۇەيرۇ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى چىقارغان، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتكەن.

 D شىركەت سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، جاۋ خانىم بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىدە جاۋ خانىم قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. شۇڭا، «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە بولمايدۇ، دېگەن كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 شىچېڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ: «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» دا، ئىشچى- خىزمەتچىلەر خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت سورۇنىدا خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانسا، ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. جاۋ خانىم خىزمەت ۋاقتى، خىزمەت ئورنىدا ئىشتىن چۈشۈپ كارتا سۈركەش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، دەپ قاراپ، ئاخىرىدا D شىركەتنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلغان.

 مۇتەخەسسىسنىڭ قارىشىچە: دۆلەتنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تەسىس قىلىشى خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ۋاقتىدا ياردەم بېرىش ۋە تولۇقلىما بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش- قاتناشماسلىق پەقەت ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش- قاتناشماسلىق بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تەمىناتىنى بېرىش- بەرمەسلىكنى بېكىتىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» دا: ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئىشتا يارىلانغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىنات تۈرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ھەق تۆلەيدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.