دېرىزە تەكچىسى كىمگە تەۋە؟
【发布时间】2020-06-12  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق چىن خانىم بىلەن لى ئەپەندى بىر بىنادا ئاستى- ئۈستى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان قوشنىلاردىن بولۇپ، ئىككى ئائىلە ئەسلىدە ئىجىل- ئىناق ئۆتەتتى. ئەمما، چىن خانىم لى ئەپەندىنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزە تەكچىسىگە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامالدۇرغۇچىنى ئورناتقاندىن كېيىن، ئىككى ئائىلە زىددىيەتلىشىپ قالغان. لى ئەپەندى «دېرىزەمنىڭ تەكچىسى مېنىڭ ئىگىدارلىقىمدا بولۇشى كېرەك، چىن خانىم تەكچىنى ئىگىلىۋالغاچقا، مېنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچۈمنىڭ شامالدۇرغۇچىنى قويىدىغان جاي يوق» دەپ قارىسا، چىن خانىم: «بۇنىڭ نامۇۋاپىق يېرى يوق» دەپ قاراپ، يۆتكەشنى رەت قىلغان، ئىككەيلەن كۆپ قېتىم كېڭىشىپ نەتىجە چىقىرالمىغان، لى ئەپەندى رىجاۋ شەھىرى دوڭگاڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، دېرىزە تەكچىسى ئۆيىنىڭ خاس قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسىدىن چىن خانىمنى ئۆينىڭ دېرىزە تەكچىسىگە ئورنىتىلغان ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامالدۇرغۇچىنى ئېلىۋېتىشكە ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

 دوڭگاڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ: «لى ئەپەندىنىڭ دېرىزە تەكچىسى لى ئەپەندى سېتىۋالغان ئۆينىڭ سىرتقى تېمىدا بولۇپ، قۇرۇلما جەھەتتىن ئايرىمچانلىققا، پايدىلىنىش جەھەتتە يەكلەشچانلىققا ئىگە ئەمەس، ئۆي سېتىۋېلىش توختامىدا دېرىزە تەكچىسىنىڭ لى ئەپەندىنىڭ ئىگىدارلىقىدا ئىكەنلىكىگە دائىر ئېنىق پۈتۈم يوق، تىزىملىتىلمىغان، ئېلان قىلىنمىغان. شۇڭا، دېرىزە تەكچىسى بىنانىڭ ئورتاق قىسمىغا تەۋە بولۇشى، لى ئەپەندىنىڭ ئۆيىنىڭ خاس قىسمىغا تەۋە بولماسلىقى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ «نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ 70- ماددىسىدىكى: <ئۆي ئىگىلىرى بىنا ئىچىدىكى تۇرالغۇ، تىجارەت خاراكتېرلىك ئۆي قاتارلىقلارنىڭ خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، خاس قىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىغا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ> دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، لى ئەپەندىنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزە تەكچىسىنى لى ئەپەندى بىلەن چىن خانىم مۇۋاپىق ئىشلەتسە بولىدۇ» دەپ قارىدى. شۇڭا، سوت مەھكىمىسى لى ئەپەندىنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.

 سوتچى مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن- نىزاملاردا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامالدۇرغۇچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىنى قانداق تاللىشى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىمارەتلەرگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 2- ماددىسىدا: «قۇرۇلۇش رايونىدىكى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆيلەر، شۇنىڭدەك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، يايما ئورنى قاتارلىق ئالاھىدە بوشلۇقنى «نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ 6- بابىدا ئېيتىلغان خاس قىسمى دەپ بېكىتىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن: 

 (1) قۇرۇلما جەھەتتە ئايرىمچانلىققا ئىگە بولغان بولۇش، ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بولۇش؛

 (2) ئىشلىتىش جەھەتتە ئايرىم پايدىلىنىشچانلىققا ئىگە بولغان بولۇش، باشقىلار ئىشلىتەلمەيدىغان بولۇش؛

 (3) خاس ئۆي ئىگىسى ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئوبيېكىت بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇش.

 پىلانلاندا مەخسۇس خاس ئۆيگە تەۋە بولسا ھەمدە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ساتقاندا، پىلانغا ئاساسەن شۇ خاس ئۆينىڭ سېتىش- سېتىۋېلىش توختامىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇقچۇلۇق بولسا، «نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ 6- بابىدا ئېيتىلغان خاس قىسمىنىڭ تەركىبىي قىسمى دەپ بېكىتىش كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىنانىڭ سىرتقى تېمى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، ھەر قانداق بىر ئۆي ئىگىسى ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ سىرتقى تېمىنى يالغۇز ئىگىلىۋېلىش، باشقىلارنى چەتكە قېقىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامالدۇرغۇچىنى ئورنىتىش ئۈستىدە تالاش- تارتىش كۆرۈلگەندە، خوجىلىق شىركىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئادىل، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىگە پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تولۇق كېڭىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.