بىنانىڭ يەر ئاستى ئەۋرەز يولى ئېتىلىپ قالغانلىقتىن پاسكىنا سۇ چىقىپ كىتىپ، بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆي زىيانغا ئۇچرىسا، ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغانلار تۆلەم بېرەمدۇ؟
【发布时间】2020-06-15  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ X ئۆيى مەلۇم ئولتۇراق رايوننىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئىدى. ۋاڭ X بۇلتۇر 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كېلىپ، ئۆينىڭ پاسكىنا سۇغا توشۇپ، ئۆي جاھازلىرى، ئىشىك، تام سۇۋىقىنىڭ پاسكىنا سۇغا چىلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. ۋاڭ X دەرھال خوجىلىق شىركىتىگە تېلفون بىرىپ نەق مەيدانغا كېلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئېيتقان. 

 خوجىلىق شىركىتى تەكشۈرۈپ، شۇ ئىشىكتىكىلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان يەر ئاستى ئەۋرەز يولى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن، بۇنى شۇ ئىشىكتىكى بارلىق ئۆيدىكى پاسكىنا سۇنىڭ بالكوندىكى سۇ ئېقىتىش ئېغىزىدىن چۈشكەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېنىقلىغان. 

 خوجىلىق شىركىتى ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرغاندىن كېيىن، پاسكىنا سۇ ئېقىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، ۋاڭ X نىڭ ئۆي جاھازلىرى كۆپۈپ، تام سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن. كېيىن ۋاڭ X كۆپ قېتىم خوجىلىق شىركىتى بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى 13 ئائىلىنىڭ ئىگىلىرىنى ئىزدەپ زىياننى بىر تەرەپ قىلىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغان. بۇنىڭ بىلەن، ۋاڭ X سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، خوجىلىق شىركىتى ۋە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 

 خوجىلىق شىركىتى «بىز ۋەقە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇناسىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدۇق. شۇڭا، بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالماسلىقىمىز كېرەك» دەپ قارىغان. ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆي ئىگىلىرى بولسا «بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆي ئىگىسىمۇ ئەۋرەز يولىدىن پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىدۇ، تۇرۇبا يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدا ئۇنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار» دەپ قارىغان. يەنە بىر قىسىم ئۆي ئىگىلىرى بولسا «بىز ئەۋرەز يولىغا ئەخلەت تۆكمىدۇق» دەپ قاراپ، مەسئۇلىيەتدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. 

 دېلو بېجىرگۈچى سودىيەنىڭ كۆپ قېتىم ئۆي ئىگىلىرى ۋە خوجىلىق شىركىتىنى مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرىدا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى 13 ئۆينىڭ ئىگىسى بىلەن خوجىلىق شىركىتى ۋاڭ X نىڭ 200 يۈەن زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ۋاڭ X ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىپ، ماجرا ھەل بولغان.

 بۇ دېلو تىپىك قوشنىدارچىلىق ھوقۇقى ماجىراسى دېلوسى ھېسابلىنىدۇ. قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قوشنىدارچىلىق ھوقۇقى كۆچمەس مۈلۈك ئىگىسى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىنانىڭ ئەۋرەز يولى ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئاممىۋى ئەسلىھە بولۇپ، ھەر بىر ئۆي ئىگىسىنىڭ ئەۋرەز يولىنىڭ راۋانلىقىنى قوغداش، نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

 زىيانلانغۇچىنىڭ مال- مۈلۈك زىيىنى بولسا تۇرمۇش ئەخلىتىنىڭ ئەۋرەز يولىنى توسۇۋېلىپ، پاسكىنا سۇنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭا، تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۆكۈپ ئەۋرەز يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسئۇل كىشى زىيانلانغۇچىنىڭ ئۆزى بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. كونكرېت قايسى ئۆي ئىگىسىنىڭ ئەخلەت تۆكۈپ ئەۋرەز يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولمىغان ئەھۋالدا، ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ دېلو بىرلىكتە سادىر قىلغان خەتەرلىك قىلمىش كەلتۈرۈپ چىقارغان مال- مۈلۈك زىيىنىغا تەۋە بولۇپ، سەۋەنلىكنى قىياسەن بىكىتىش پىرىنسىپىنى تەتبىقلاش كېرەك. ئەگەر، ئۆي ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ ھوقۇققا چىقىلىش قىلمىشى سادىر قىلمىغانلىقىنى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىيالمىسا، مۇناسىپ ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.