كىمئارتۇق سودىسىدا يىنىۋالسا، قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
【发布时间】2020-06-22  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشقۇچى چېن X بۇ يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى ۋېنشەن ئوبلاستى ماگۈەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى «تاۋباۋ» تورى ئەدلىيەلىك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش تور سۇپىسىدا، «شەرق شامىلى» ماركىلىق ئىككى يۈك ئاپتوموبىلىغا جەمئىي 24 قېتىم باھا قويۇپ تالاشتۇرۇپ سېتىشقا قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1- نومۇرلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش جەريانىدىكى جەمئىي قويۇلغان 90 قېتىملىق باھانىڭ 15 قېتىمىنى چېن X قويۇپ، ئاخىرىدا 40 مىڭ 280 يۈەنلىك ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن 1- نومۇرلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى سېتىۋالغان. يەنە، 2- نومۇرلۇق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان ئاپتوموبىلغا جەمئىي قويۇلغان 70 قېتىملىق باھانىڭ 9 قېتىمىنى ئۇ قۇيۇپ، ئاخىرىدا 45 مىڭ 400 يۈەنلىك ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن 2- نومۇرلۇق ئاپتوموبىلنىمۇ سېتىۋالغان. لېكىن، چېن X ئاپتوموبىلنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىزچىل كىمئارتۇق سودىسى ئېلانىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە پۇلنى تاپشۇرمىغان.

 ماگۈەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى خادىملىرى كۆپ قېتىم تېلېفوندا سۈيلىگەن بولسىمۇ، چېن X: «ئالغۇم يوق» دەپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پۇلىنى تۆلەشنى رەت قىلغان. كىمئارتۇق سودىسىدا چېن X كۆپ قېتىم تالىشىپ باھا قويۇپ ئاخىرىدا سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن پۇلنى تۆلەشنى رەت قىلىشتەك يامان نىيەتتە كىمئارتۇق سودىسى قىلىش قىلمىشى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيەلىك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان. ماگۈەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، چېن X كە 40 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلغان. جەرىمانە تۆلەش قارار قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، چېن X ئۆزىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، سوت مەھكىمىسى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ھازىر، جەرىمانە قويۇش ئىشلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋېتىپتۇ.

 سوتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «توردا ئەدلىيەلىك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ مال- مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم يولى بولۇپ، ئەدلىيە نوپۇزى ۋە ئاممىۋى ئىناۋەت كۈچىگە ئىگە. قاتناشقۇچىلار توردا ئەدلىيەلىك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قائىدىسىنى ئېنىق بىلگەن ئەھۋالدا كىمئارتۇق سودىسى پۇلىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، بۇ خىل «يىنىۋېلىش» قىلمىشى دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە بىۋاستە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەدلىيە بايلىقىنى خورىتىدۇ. بۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە خىزمىتى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىغا تەۋە».

 

相关阅读