2019- يىللىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىنى جەملەپ ھېسابلاش بۇ يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ
【发布时间】2020-06-26  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  2019- يىللىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىنى جەملەپ ھېسابلاش بۇ يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ باج تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق جەملەپ ھېسابلاش. باج تاپشۇرغۇچى باج پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ياكى باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاش ئىلتىماسىنى تاماملىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئومۇمەن ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشقان ھەمدە يىللىق جەملەپ ھېسابلاش تولۇقلىما باج سوممىسى 400 يۈەندىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم جەملەپ ھېسابلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. باج قايتۇرۇش سوممىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ يادروسى قانۇن بويىچە باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ياكى باج قايتۇرۇشتىن بەھرىمەن بولۇش. قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيەت، باج قايتۇرۇشتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق».

  شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى يان تېلېفون ئەپچىسى قاتارلىق يوللار بىلەن ئەرز قىلىش سالاھىيىتىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆپەيدى. شىنجاڭ باج ئىدارىسى باج چوڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە خەۋپ- خەتەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنى تەكشۈرۈپ، باجنى ھەقىقىي مەلۇم قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، دەل جايىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى بىلەن باج تاپشۇرغۇچىلارغا شەخسىي تاپاۋەت بېجىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ ئىگىلىتىمىز؛ شەخسلەر ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى ۋە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئەپچىسىنى پىششىق ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىمىز».

相关阅读