باشقىلارنى سوقۇۋېتىپ يارىلاندۇرغۇچى ئىككى يۈرۈش ئۆيى تۇرۇپمۇ تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغاچقا جازاغا ھۆكۈم قىلىندى
【发布时间】2020-06-30  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 2018- يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى خېزې شەھىرى جۈيې ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى چىقىرىپ، قاراپ چىققان جاڭ X جاۋابكار لو X ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى ماجىراسى دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار لو X نى دەۋاگەرنىڭ تۈرلۈك زىيىنى ئۈچۈن 292 مىڭ 708 يۈەن 7 مو 4 پۇڭ تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، جاۋابكار لو X تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان. 2019- يىلى 1ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، جۈيې ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار لو X كە مال- مۈلۈكىنى دوكلات قىلىشقا بۇيرىغان، جاۋابكار 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى سوت مەھكىمىسىنىڭ مال- مۈلۈكىنى دوكلات قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جۈيې ناھىيە ۋەنفېڭ بازىرى لوجۇاڭ كەنتىدىكى ئىككى جايدىكى ئۆي- جايىنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، مال- مۈلكىنى قەستەن يوشۇرغان ھەمدە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىنمۇ ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىپ، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغىلى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

 سوت مەھكىمىسى جاۋابكار لو X خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، لو X نىڭ قىلمىشىدىن ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قاراپ، جاۋابكار لو X نى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. 

 سوتچى مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى. بۇ دېلودا لو X ئادا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلماي، ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىلدى. «قانۇن ئادىل، قانۇن تورىدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ». خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ۋاستىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، دېلونىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

相关阅读