ھاراق ئىچىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزسە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرەلەمدۇ؟
【发布时间】2020-07-02  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 2018 - يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى لېيكۇ يېزىسىدىكى ليۇ X ئايالى بىلەن بىللە شەھەر رايونىغا تۇغقان يوقلىغىلى بارغاندا، ليۇ X ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن ئېچىلىپ- يېيىلىپ قانغۇچە ھاراق ئىچكەن. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ليۇ X نىڭ ئايالى ئاپتوموبېل ھەيدەپ كەنتكە قايتىپ، مەدەنىيەت يولى خۇاشياڭ يولىدىكى يول ئېغىزىغا كەلگەندە، قاتناش قىستاڭچىلىقىغا دۇچ كەلگەن. بۇ ۋاقىتتا تۇي ئاپتوموبېلدا ئولتۇرغان ليۇ X ئاپتوموبېلدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبېللارغا قوماندانلىق قىلىشقا باشلىغان. ليۇ X نىڭ قوماندانلىقى قېلىپلاشمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراق ئىچىپ ئۆزىنى كونترول قىلالمىغاچقا، بىر مەھەل يولدا ئاپتوموبىللار توسۇلۇپ قېلىپ يول يۈرەلمەي، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شوپۇرلار بىلەن ليۇ X ئوتتۇرىسىدا تالاش- تارتىش يۈز بەرگەن. 20 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن يول توسۇلۇپ قالغاچقا، ئامما تېلېفون بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

 شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەر ئەتراپىدا، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن قاتناشقا قوماندانلىق قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ليۇ X نى كېتىشكە نەسىھەت قىلغان. ئەمما مەست بولۇپ قالغان ليۇ X ئۆزىنى ساقچىلارغا ياردەملىشىپ قاتناشقا قوماندانلىق قىلىپ ياخشى ئىش قىلىۋاتسام ساقچىلار مەن بىلەن ئۇرۇشقانلارنى جازالىمايلا قالماي، يەنە مېنى كېتىشكە زورلىدى دەپ قاراپ، ناھايىتى ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ نارازى بولۇپ كېتىشنى رەت قىلغان ھەم يەنە ساقچىلارنى تىللىغان. نەق مەيداننى كونترول قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ساقچىلار ئامالسىز ليۇ X نى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش مەركىزىگە چاقىرتىپ، ليۇ X نى مەجبۇرى چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ مەستلىكىنى يەشكەن. ساقچىلارنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن، ليۇ X بولدى قىلماي، ئەكسىچە تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ ئۆزىنىڭ كىيىمىنى يىرتىپ، ساقچىلارنى ھاقارەتلەپ، باشقىلارنى ئۆلتۈرىمەن دەپ جار سالغان. ليۇ X نىڭ ئايالى ئۇنىڭ بېشىغا ئارقا- ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ ئازراق سەگىگەن. ئۇ شۇ كۈنى تاكى كەچ سائەت 20 ئەتراپىغىچە جېدەل قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن تەلتۆكۈس ھوشىغا كەلگەن.

 بۇلتۇر 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئەنياڭ شەھىرى لۇڭئەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ليۇ X نى ھۆكۈمەت ئىشىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن لۇڭئەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىگەن. سوتتا، ئەيىبلىگۈچى كۆرسەتكەن سىن ماتېرىيالىدىكى كۈلكىلىك ئويۇن ئالدىدا، جاۋابكار ليۇ X ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان. سوت مەھكىمىسى ليۇ X نىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىغا زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، يېنىك يارىلاندۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن ھۆكۈمەت ئىشىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللىنىدىغانلىقىنى بېكىتكەن، ھەمدە ليۇ X نىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ پۇشايمان قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 277- ماددىسىنىڭ 1-، 5- تارماقچىسى ۋە 42- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ليۇ X نى ھۆكۈمەت ئىشىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ، بەش ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

相关阅读