توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە خوجىلىق ھەققى تاپشۇرمىسا، قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
【发布时间】2020-07-13  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  بۇلتۇر 11- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى ماجىراسى دېلوسىنى قوبۇل قىلدى. دەۋاگەر مەلۇم خوجىلىق شىركىتى جاۋابكار A ئورۇندىن 2018- يىلى 7- ئايدىن 2019- يىلى 12- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى خوجىلىق ھەققىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

 A ئورۇن ئۆزىنى ئاقلاپ:« شىركىتىمىز ھەقىقەتەن مەلۇم ئىشخانا بىناسىغا جايلاشقان 30 ئېغىز ئىشخانا سېتىۋالغان،خوجىلىق شىركىتى ئىشخانا بىناسىنىڭ غوجىلىق مۇلازىمىتىگە مەسئۇل، لېكىن ئورنىمىزنىڭ خىزمەت خاراكتىرى ئالاھىدە، مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ماتېرىياللار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، سېتىۋالغان ئىشخانىلارنىڭ ئاممىۋى رايون تازىلىقىغا ئىزچىل ئۆزىمىز تەكلىپ قىلغان تازىلىق خادىملىرى مەسئۇل بولىۋاتىدۇ، شۇڭا خوجىلىق شىركىتى قىسمەن خوجىلىق ھەققىنى كېمەيتىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك» دېدى.

 يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلىتىمىزنىڭ «خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققى ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خوجىلىق ھەققى ئادەتتە تازىلىق ھەققى، كۆكەرتىش، ئاسراش ھەققى، تەرتىپنى قوغداش ھەققى، خوجىلىققا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۈندىلىك ئايلىنىشى ۋە ئاسراش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دېلودا، A ئورۇن خىزمەت بىناسىنى ئەمەلىي ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوجىلىق شىركىتى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغان، خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە خوجىلىق شىركىتىگە خوجىلىق ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. A ئورۇن سېتىۋالغان ئىشخانا بىناسى ئاممىۋى رايونىنىڭ تازىلىق خىراجىتىنى ھەقىقەتەن A ئورۇن ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قىسمىنى A ئورۇن خوجىلىق شىركىتى بىلەن ئايرىم پۈتۈشسە بولىدۇ. لېكىن بۇ دېلودا، ئىككى تەرەپ 2018- يىلى 7- ئايدىن 2019- يىلى 12- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى خوجىلىق ھەققىنى ئالدىن پۈتۈشمىگەن، شۇڭا A ئورۇن خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى بويىچە خوجىلىق شىركىتىگە خوجىلىق ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

 سوتچىنىڭ قانۇن چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە، A ئورۇن خوجىلىق ھەققى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىش سەۋەبىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، سوت سىرتىدا خوجىلىق شىركىتى بىلەن ئايرىم كېڭىشىشكە قوشۇلدى. ئاخىرىدا، سوتچىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن، A ئورۇن نەق مەيداندا خوجىلىق شىركىتىگە نېسى قالغان خوجىلىق ھەققىنى تاپشۇردى.

 

相关阅读