كېپىل بولغۇچى قەرز مۇناسىۋىتى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتسا ، كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟
【发布时间】2020-09-18  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېنجياڭ شەھىرىدىكى دەۋاگەر سەي X بىلەن جاۋابكار جاڭ X 2015- يىلىدىن باشلاپ كۆمۈر سېتىش- سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈپ كەلگەن، 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئىككى تەرەپ كېلىشىمنامە ئىمزالىغان. كېلىشىمدە: جاۋابكار جاڭ X دەۋاگەرگە جەمئىي 41 مىڭ 460 يۈەن كۆمۈر پۇلى قەرز بولدى، ئەگەر قەرزنى ئۆز قەرەلىدە قايتۇرسا، 40 مىڭ يۈەن بىلەن راسچوت قىلىنىدۇ، جاۋابكار جاڭ X ۋەدىسى بويىچە 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن 10 مىڭ يۈەننى، 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى 20 مىڭ يۈەننى، قالغان پۇلنى 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بولىدۇ؛ كاپالەت بەرگۈچى يۇقىرىقى قەرز قايتۇرۇشتا چاتما كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن. كېلىشىمنامىنىڭ «كاپالەت بەرگۈچى» دېگەن يېرىگە جاۋابكار يەن X بىلەن جياجياۋاڭ شىركىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان.

 تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، جاۋابكار جاڭ X بىلەن جاۋابكار يەن X ئەسلىدە ئەر- ئايال بولۇپ، ئىككەيلەن 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن. جاۋابكار جياجياۋاڭ شىركىتى 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ قۇرۇلغان، شىركەتنىڭ پايچىكى جاۋابكار يەن X بىر كىشى. شىركەتنى جاۋابكار يەن X 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى جاۋابكار جاڭ X كە تىزىملاش ماتېرىيالى بېجىرىش ھەمدە «كارخانا نامىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلىشنى ھاۋالە قىلغان.

 دەۋاگەر سەي X بىلەن جاۋابكار جاڭ X 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى، كېلىشىم ئىمزالىغاندا، جاۋابكار يەن X نەق مەيداندا يوق، بەلكى جاڭ X كېپىل بولغۇچى دېگەن جايغا يەن X ۋە جياجياۋاڭ شىركىتىنىڭ تامغىسىنى باسقان. جاۋابكار يەن X نىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلغان ۋاقتى سوت مەھكىمىسى قانۇن ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن بولغان.

 قاراپ چىقىش جەريانىدا، جاۋابكار جاڭ X، يەن X لارنىڭ بىردەك بايان قىلىشىچە: جاۋابكار يەن X دەۋاگەرنىڭ كۆمۈر پۇلى ھەققىدىكى ئىشىنى بىلمەيدىكەن، يەن X جاڭ X نىڭ تۇرالغۇسىغا بالىسىغا تاماق ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن بارغاندا، تامغا سېلىنغان سومكىنى جاڭ X نىڭ تۇرالغۇسىدا ئۇنتۇپ قالغان. كېيىن، جاڭ X ئۆز ئالدىغا كېلىشىمگە تامغا باسقان. ئىككى جاۋابكار بۇ بايانغا قارىتا دەلىل- ئىسپات بىلەن تەمىنلىمىگەن. دەۋاگەر كېلىشىم ئىمزالاشتىن بۇرۇن جاۋابكار يەن X بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى، يەن X نىڭ كېلىشىمگە تامغا بېسىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

 دۆلىتىمىزنىڭ «كېپىللىك قانۇنى» نىڭ 3- ماددىسىدا: «كېپىللىك پائالىيىتىدە باراۋەر، ئىختىيارىي، ئادىل، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. 30- ماددىسىدا بولسا: «بىرىنچى، ئاساسىي توختامدىكى ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تىل بىرىكتۈرۈپ كېپىل بولغۇچىنى ئالداپ كېپىللىك بەرگۈزگەن بولسا؛ ئىككىنچى،ئاساسىي توختامدىكى ھەقدار ئالداش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، كاپالەت بەرگۈچىنى ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ كاپالەت بەرگۈزگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، كاپالەت توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، كاپالەت بەرگۈچى كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

 سوت مەھكىمىسى جاۋابكار يەن X نىڭ كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش- ئالماسلىق مەسىلىسى توغرىسىدا: دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئىككى تەرەپ كېلىشىمدە، كېلىشىم ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن. يەن X كېلىشىم ئىمزالىغاندا نەق مەيداندا يوق ھەمدە كېلىشىمگە ئىمزا قويمىغان، تامغىمۇ كارخانا قانۇنىي ئىگىسىنىڭ تامغىسى بولۇپ، شەخسىي تامغا ئەمەس. شۇڭا، مەيلى سۇبيېكتىپ، ئوبيېكتىپ ئامىل جەھەتتىن ئويلىغاندا جاۋابكار يەن X نىڭ جاۋابكار جاڭ X كە كاپالەت بېرىش مەقسىتى بارلىقىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرنىڭ يەن X تىن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان دەۋا تەلىپىنى قوللىمايدۇ، دەپ قارىغان.

 ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى» نىڭ 109-، 161- ماددىلىرى ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ كېپىللىك قانۇنى» نىڭ 3-، 18-، 21- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە: بىرىنچى، جاۋابكار جاڭ X بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە دەۋاگەر سەي X كە 41 مىڭ 460 يۈەن خەلق پۇلى تۆلەيدۇ. جاۋابكار جياجياۋاڭ شىركىتى چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئىككىنچى، دەۋاگەر سەي X نىڭ جاۋابكار يەن X تىن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان دەۋا تەلىپى رەت قىلىنسۇن، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

相关阅读