​ئاتا- ئانا ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقى قانداق بولىدۇ ؟
【发布时间】2020-10-20  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا پەرزەنتلەرنى بېقىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بىرقانچە كونكرېت پىكرى»دە مۇنداق كۆرسىتىلگەن:

 1. ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئادەتتە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئانا تەرەپتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دادىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرسە بولىدۇ:

 (1) ئۇزاققىچە ساقايمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەل ياكى باشقا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولمايدىغانلار؛

 (2) بېقىش شارائىتى بار بولسىمۇ، بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، دادا تەرەپ پەرزەنتىنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلسا؛

 (3) باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنتلەر ھەقىقەتەن ئانىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەلمىسە.

 2. ئاتا- ئانا ئىككى تەرەپ ئىككى ياشتىن تۆۋەن پەرزەنتلەرنىڭ دادىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كېلىشكەن بولسا، ھەمدە پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتمىگەنلىرىگە رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ.

 3. ئىككى ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى، دادىسى بىلەن ئانىسى بىردەك بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، بىر تەرەپتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئالدىن ئويلىنىشقا بولىدۇ:

 (1) تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا؛

 (2) پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان، تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە روشەن پايدىسىز بولسا؛

 (3) باشقا پەرزەنتى بولمىسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ باشقا پەرزەنتى بولسا؛

 (4) پەرزەنتلەر ئۆزى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرسە، پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپ ئۇزاققىچە ساقايمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە ياكى باشقا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياكى پەرزەنتلىرىگە پايدىسىز باشقا ئەھۋاللار بولۇپ، پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە پايدىسىز بولسا.