سۇغۇرتا پۇلى مىراسقا تەۋەمۇ؟
【发布时间】2020-10-27  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  دۆلىتىمىزنىڭ «سۇغۇرتا قانۇنى» نىڭ 42- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سۇغۇرتا پۇلى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مىراسى بولىدۇ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ۋارىسىغا سۇغۇرتا پۇلى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

 (1) مەنپەئەتدار بېكىتىلمىگەن بولسا؛

 (2) مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا مەنپەئەتدار چىقمىسا؛

 (3) مەنپەئەتدار مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە مەھرۇم بولۇپ ياكى ۋاز كېچىپ، باشقا مەنپەئەتدار چىقمىسا.

  مەنپەئەتدار بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچى ئوخشاش بىر ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆلۈشنىڭ ئىلگىرى- كېيىنلىك تەرتىپىنى بېكىتكىلى بولمىسا، مەنپەئەتدار ئاۋۋال ئۆلگەن دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.

  «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مىراسى قىلىش- قىلماسلىق توغرىسىدىكى تەستىقى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جىسمانىي سۇغۇرتا پۇلىنى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مىراسىغا كىرگۈزۈش- كىرگۈزمەسلىك سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مەنپەئەتدارنى بېكىتكەن- بېكىتمىگەنلىكىگە باغلىق. مەنپەئەتدار بېكىتىلگەن بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جىسمانىي سۇغۇرتا پۇلى مەنپەئەتدارغا بېرىلىدۇ؛ مەنپەئەتدار بېكىتىلمىگەن بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جىسمانىي سۇغۇرتا پۇلى مىراس قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، قەرز تۆلەشكە ياكى تۆلەم تۆلەشكە ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

  يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، سۇغۇرتا پۇلى مەنپەئەتدار بېكىتىلمىگەن، مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ياكى مەنپەئەتدار مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان، ۋاز كەچكەن ھەمدە باشقا مەنپەئەتدار بولمىغان ئەھۋالدىلا سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مىراسى بولالايدۇ.