ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمىسە، ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟
【发布时间】2020-11-06  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغانلىق توغرىسىدىكى يازما ئىسپات، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خىزمەتتىن ئايرىلغان خىزمەتچىگە خىزمەتتىن ئايرىلىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىشىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. ئەگەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمىسە، ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟ تۆۋەندە بىز دېلو مىسالى ئارقىلىق قىسقىچە تەھلىل قىلىمىز.

 چېن X 2017- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى بېيجىڭدىكى مەلۇم ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتى ئورناتقان، توختام مۇددىتى 2017- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە، خىزمەت ئورنى مەبلەغ سېلىش بانكىسى (بېيجىڭ) شۆبىسىنىڭ ئالىي دىرېكتورى. 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى، چېن X ئاكسىيە شىركىتىگە ئىستېپانامە تاپشۇرغان، ئۇنىڭغا: «شەخسىي ئىش سەۋەبىدىن، شىركەتكە ئىستېپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئىستېپا بېرىش ۋاقتى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى، قوشۇلۇشىڭلارنى ھەمدە <خىزمەت باھالاش پىكرى> نى چىقىرىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. مېنىڭ بېيجىڭدىكى مەلۇم ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىم ئىستېپا بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ» دەپ يازغان. 2017 - يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاكسىيە شىركىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن چېن X خىزمەتتىن ئايرىلغان، لېكىن، ئاكسىيە شىركىتى خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى ۋە «خىزمەت باھالاش پىكرى» چىقىرىپ بەرمىگەن.

 2018-يىلى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، چېن X ئەمگەك تالاش ـ تارتىشى كېسىم كومىتېتىغا يازما كېسىم چىقىرىپ بېرىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئاكسىيە شىركىتىدىن خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمەي خىزمەت تاپالماسلىقتەك ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. چېن X شاڭخەيدىكى مەلۇم بانكا چىقىرىپ بەرگەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى: ئىمزا قويۇش ۋاقتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2017-يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى ۋە 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى ھەمدە شاڭخەيدىكى مەلۇم بانكا 2018-يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى چىقىرىپ بەرگەن ئاخىرلاشتۇرۇش باياناتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاكسىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكى ئۈچۈن يېڭى شىركەتكە كىرەلمەي، ئۆزىگە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. كېسىم جەريانىدا، ئاكسىيە شىركىتى تەرەپ ئۆزىنى ئاقلاپ، چېن X خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتىنى پوچتىدىن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، لېكىن، ئاكسىيە شىركىتى پەقەت تېز يوللانما تالونى بىلەنلا تەمىنلىگەن، چېن X نىڭ ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىمىگەن، كېسىم كومىتېتى تېز يوللانما شىركىتىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، تېز يوللانمىنىڭ يەتكۈزۈش خاتىرىسىنى تاپالمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كېسىم كومىتېتى شاڭخەيدىكى مەلۇم بانكىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، چېن X نىڭ ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن چېن X نى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى بىلگەن. شۇڭا، 2018- يىلى 5- ئايدا كېسىم كومىتېتى ئاكسىيە شىركىتىنىڭ چېن X نىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى ھەققىدە كېسىم قارارى چىقارغان. ئاكسىيە شىركىتى كېسىم قارارىغا قايىل بولماي، دەۋا قىلغان.

 بىرىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ دەۋا تەشەببۇسىدا ئاساسلانغان پاكىتقا قارىتا ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، بولمىسا دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى بار تەرەپ پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئاكسىيە شىركىتى چېن X كە خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمىگەن ھەمدە چېن X خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى بولمىغاچقا يېڭى شىركەتكە قوبۇل قىلىنالمىغان، دەپ قاراپ، ئاكسىيە شىركىتىنى چېن X نىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.

 ئاكسىيە شىركىتى بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ: چېن X نىڭ خىزمەت تاپالماسلىقىدىكى سەۋەب بەك ھورۇنلىقىدىن بولغان، چېن X ئاكسىيە شىركىتىدىن خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن شاڭخەيدىكى مەلۇم بانكىدىن خىزمەت تاپقان، خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى بولمىغاچقا قوبۇل قىلىنمىغان، چېن X قايتىدىن باشقا خىزمەتلەرگە تەكلىپ قىلىنىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرسە تامامەن بولىدۇ، لېكىن، ئۇ داۋاملىق خىزمەت ئىزدىمىگەن، شۇڭا، چېن X نىڭ زىيىنى ھۇرۇنلۇقتىن كېلىپ چىققان، ئاكسىيە شىركىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 2- سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، ئاكسىيە شىركىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى بەرمىگەنلىكتىن، چېن X باشقا شىركەتكە قوبۇل قىلىنالمىغان، ئاكسىيە شىركىتى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، 1- سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى پاكىتنى ئېنىق بېكىتىپ، قانۇننى توغرا تەتبىقلىغان، دەپ قاراپ، بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان.

 ھازىر نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەردىن ئالدىنقى ئورۇن چىقىرىپ بەرگەن خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ ماس كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىشقا ئىشلىتىدۇ، كۆپ ھاللاردا بۇ قوبۇل قىلىش- قىلماسلىقنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئەمگەكچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ، ئەگەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمىسە، ئەمگەكچىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى، شۇنداقلا، يېڭى خىزمەت تېپىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، دۆلىتىمىز قانۇنىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى توغرىسىدا مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان زىيىنى ئۈچۈن قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» نىڭ 50- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا: «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىسپاتى بېرىشى ھەمدە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپ ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى 15 كۈن ئىچىدە ئۆتەپ بېرىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. 89- ماددىسىدا: «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىگە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىقى ياكى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە يازما ئىسپات بەرمىگەنلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن، ئەمگەكچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلسا، ئەمگەكچى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى بارلىقىنى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى ھەمدە زىيان بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاشمۇ تەسكە توختايدۇ.

 

相关阅读