شەخسىي ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ
【发布时间】2020-11-16  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاچقان «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى بويىچە تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى 12 تۈرلۈك يېڭى تەدبىردىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا، ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرۈشنىڭ دائىرىسى ۋە دەۋرى يەنىمۇ كېڭەيتىلگەن.

  بىرىنچىدىن، شەخسىي ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلگەن. ئالتە يىل ئىچىدە تىجارەت خاراكتېرىدە بولمىغان ئالتە كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك، مىكرو تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنى يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش ئاساسىدا، يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئالتە يىل ئىچىدە تىجارەت خاراكتېرىدە بولمىغان يەتتە كىشىلىكتىن توققۇز كىشىلىككىچە كىچىك، مىكرو تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (مىنىبۇس بۇنىڭ سىرتىدا) يىللىق تەكشۈرۈشنى بىكار قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ھەر ئىككى يىلدا قەرەللىك تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى دوكۇمېنتى، قاتناش ۋاسىتىسى بېجى تاپشۇرۇش ياكى باج كەچۈرۈم قىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا يىللىق تەكشۈرۈش بەلگىسى ئېلىشنى بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا بېرىپ بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

  ئىككىنچىدىن، يىللىق تەكشۈرۈش دەۋرى ئەلالاشتۇرۇلغان. ئالتە يىلدىن ئاشقان، 10 يىلغا توشمىغان كىچىك، مىكرو تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (مىنىبۇسلار بۇنىڭ سىرتىدا) غا قارىتا، تەكشۈرۈش مۇددىتى ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈشتىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە كېڭەيتىلگەن، يەنى شەخسىي ئاپتوموبىللار 10 يىل ئىچىدە پەقەت ئىككى قېتىم تورغا چىقىپ تەكشۈرتىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6-، 8-يىلى تەكشۈرتىدۇ. 10 يىللىقتىن يۇقىرى شەخسىي ئاپتوموبىللارغا قارىتا، يەنىلا ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدىكى تەكشۈرۈش دەۋرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، يەنى 10 يىلدىن 15 يىلغىچە بولسا، يىلدا بىر قېتىم، 15 يىلدىن يۇقىرى بولسا، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ.

  تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 مىليون 730 مىڭ شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىسى ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدە ئەھۋال بار: بىرىنچى، مىنىبۇسنى ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش، ئارىلاشتۇرۇپ قۇراشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، شۇڭا كوللېكتىپ ئۆلۈش، كوللېكتىپ يارىلىنىش ھادىسىلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ قېتىم يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە ۋاقتىنچە كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئىككىنچى، يىللىق تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىللاردا ئەگەر ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە ياكى قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلۇپ قانۇن بويىچە جازالانسا، ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، يەنىلا ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدە بەلگىلەنگەن دەۋرىيلىك بويىچە تەكشۈرتۈش كېرەك.

 

相关阅读