ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى يېڭىدىن يولغا قويىلىدىغان قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرىنى چۈشەندۈردى
【发布时间】2020-11-23  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 12 تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدە 775 مىڭ شەخسىي ئاپتوموبىل ئالتە يىلغىچە تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، 887 مىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى 10 يىل ئىچىدە پەقەت ئىككى قېتىملا تەكشۈرۈش سۇپىسىغا چىقىشتەك قولايلىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 

 يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «شەخسىي ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل پىراۋىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش يېشىنى كەڭ قويۇۋېتىش ھەمدە سالامەتلىك تەكشۈرىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش» تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك يېڭى تەدبىرگە قارىتا مۇھىم نۇقتىنى بېكىتتى ھەمدە يېڭى تەدبىردىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، ئەسكەرتتى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى سۈن شىنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، ھەيدىگۈچىلەر 1 مىليون 280 مىڭغا يەتتى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىمۇ يىلىغا 80 مىڭدىن 100 مىڭغىچە سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسىي ئاپتوموبىللار ئومۇمىي ساننىڭ تەخمىنەن %85 تىنى ئىگىلەيدۇ. 12 تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى «باشقا جايدا بېجىرىش»، «قولاي بېجىرىش»، «توردا بېجىرىش» تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى، پىراۋا باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

 1- ئۆزگىرىش: شەخسىي ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بەي يەنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى تەدبىردە، ئالتە يىل ئىچىدىكى ئالتە كىشىلىكتىن تۆۋەن تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش ئاساسىدا، تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئالتە يىل ئىچىدىكى تىجارەت خاراكتېرىدە بولمىغان يەتتە كىشىلىكتىن توققۇز كىشىلىككىچە بولغان كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىمۇ (مىنبۇس بۇنىڭ سىرتىدا) تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. يەنى، توققۇز كىشىلىكتىن تۆۋەن (توققۇز كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبېللىرى (مىنىبۇس بۇنىڭ سىرتىدا) ئالتە يىل ئىچىدە تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، پەقەت ھەر ئىككى يىلدا تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسىلا بولىدۇ؛ 6 يىلدىن ئاشقان، 10 يىلغا توشمىغان تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (مىنىبۇس بۇنىڭ سىرتىدا) غا قارىتا، ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە تەڭشەلدى.

 دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، رويخەتكە ئالدۇرۇپ 7 ـ يىلى يىللىق تەكشۈرۈشنى تاماملىغان شەخسىي ئاپتوموبىللار 8- يىلى يىللىق تەكشۈرۈشكە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، 9- يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى ۋاقتى توشقاندا تەكشۈرسىلا بولىدۇ. 10 يىلدىن يۇقىرى شەخسىي ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن، يەنىلا ئەسلى بەلگىلىمىدىكى تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكى ئىجرا قىلىنىدۇ، يەنى 10 يىلدىن 15 يىلغىچە بولسا، ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ، 15 يىلدىن يۇقىرى بولسا، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ.

 2-ئۆزگىرىش: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل پىراۋىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش يېشى كەڭ قويۇۋېتىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى پىراۋا باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جياڭ شياۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۈزلىكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 2019- يىلى ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 77.3 ياشقا كە يەتتى. بۇ قېتىمقى يېڭى تەدبىردە، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل، يېنىك موتوسىكلىت پىراۋىسى ئىلتىماس قىلىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكى 70 ياشتىن، چەكلەنمەيدىغانغا تەڭشەلدى، بۇ تېخىمۇ كۆپ سالامەتلىكى يار بېرىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول يۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

 گەرچە ياشقا چەكلىمە قويۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، ئىنكاس قايتۇرۇش كۈچى قاتارلىق ئىقتىدار سىنىقى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى ھەمدە ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىقتىدار سىنىقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئۇلانباي ئىمتىھان مەيدانى ۋە سەككىز ناھىيە دەرىجىلىك موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسى ئارقىلىق تاماملىنىدۇ، 70 ياشتىن ئاشقان شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر ئىقتىدار سىنىقى ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى پەنلەر بويىچە شوپۇرلۇق مەشقىنى باشلىسا بولىدۇ.

 3-ئۆزگىرىش: سالامەتلىك تەكشۈرىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى.

 جياڭ شياۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىراۋىسى بېجىرىشتە سالامەتلىك ئەھۋالى ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىرىسى سالامەتلىك تەكشۈرۈش سالاھىيىتى بار 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانا، يېزا- بازارلىق شىپاخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى قاتارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغىچە كېڭەيتىلدى.

相关阅读