ئاپتونوم رايونلۇق 13ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20- يىغىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا دائىر تۆت يەرلىك نىزامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى
【发布时间】2020-12-28  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台


 ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا دائىر تۆت يەرلىك نىزام ئايرىم ھالدا «قاراماي شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش نىزامى»، «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش كۆلى سۈيىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى»، «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا - كەنت مۇھىتىنى تۈزەش نىزامى»، «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى» دىن ئىبارەت.

 «قاراماي شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش نىزامى» دا، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشنىڭ نىشانى، پىرىنسىپى، خىزمەت مېخانىزمى ھەمدە ئالاقىدار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىش ـ تۈزەش خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى. يەنە نېفىت، نېفىت خىمىيە كارخانىلىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش تەدبىرى توغرىسىدا مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. 

 باغراش كۆلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئورتاق ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش كۆلى سۈيىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى» دا سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى باشئەگىم شەھىرى، دەريا ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، ئالاقىدار ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، تۈەن (بازار) ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ باغراش كۆلى سۈيىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىدىكى مۇھىم- زور ئىشلارنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، باغراش كۆلى ۋە كۆلگە قۇيۇلىدىغان سۇنىڭ بۇلغانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشتىكى تۈزۈم ، تەدبىر توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى تەسىس قىلىش ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قېچىپ سۇنى بۇلغايدىغان بۇلغۇلىمىلارنى چىقىرىش قىلمىشلىرىغا جازا بېرىلىدۇ.

 «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا- كەنت مۇھىتىنى تۈزەش نىزامى» دا، يېزا- كەنت مۇھىتىنى تۈزەش پىرىنسىپى، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، مۇھىم نۇقتىسى، تەلىپى ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نىزام چىقىرىش شەكلىدە «گۈزەل قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى» نىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ماس تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى »دا «قوغداش» ئاساسىي لىنىيە، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش» نىشان قىلىنىپ، بورتالا دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇشتا بىر تۇتاش باشقۇرۇش مېخانىزمى كەمچىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە قەدەم بىردەك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھەل قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بار ئاپتونوم ئوبلاست، رايون تەسىس قىلغان شەھەرلەر شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا دائىر نىزام چىقىرىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قانۇن- نىزام بويىچە قوغداش تورىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە پۇختا، زىچ توقۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا قانۇنچىللىق ئاساسى سالدى.


相关阅读