«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» دىكى قىسمەن قانۇن- بەلگىلىمىلەر
【发布时间】2021-01-14  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 158- ماددىسىدا: ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىگە قوشۇمچە شەرت قويۇشقا بولىدۇ، لېكىن خاراكتېرى بويىچە قوشۇمچە شەرت قويۇشقا بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى قوشۇمچە قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى شەرت ئورۇندالغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىكار قىلىش شەرتى قوشۇمچە قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى شەرت ئورۇندالغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچتىن قالىدۇ.

 «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 159- ماددىسىدا: قوشۇمچە شەرت قويۇلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىدە دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ شەرتنىڭ ئورۇندىلىشىغا يولسىز توسقۇنلۇق قىلسا، شەرت ھازىرلاندى، دەپ قارىلىدۇ؛ شەرتنىڭ ئورۇندىلىشىنى يولسىز تېزلىتىۋەتكەن بولسا، شەرت ئورۇندالمىدى، دەپ قارىلىدۇ.

 «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 160- ماددىسىدا: ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىگە قوشۇمچە مۆھلەت بەلگىلەشكە بولىدۇ، لېكىن، خاراكتېرى بويىچە قوشۇمچە مۆھلەت بەلگىلەشكە بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. كۈچكە ئىگە بولۇش مۆھلىتى قوشۇمچە قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى مۆھلەت توشقاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاخىرلىشىش مۆھلىتى قوشۇمچە قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى مۆھلەت توشقاندا كۈچتىن قالىدۇ.

相关阅读