توردىكى مۇھەببەتكە ئالدانماڭ
【发布时间】2021-02-02  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 توردا دوستلىشىش سۇپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر تويلىشىش - مۇھەببەتلىشىش تور بېكىتى ئارقىلىق ھەقىقىي جۈپتىنى تېپىشقا ئۇرۇندى. لېكىن، بەزىلەر بۇ خىل پىسخىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇھەببەتلىشىش، دوست تۇتۇش نامىدا پۇل-مال ئالدىماقتا. شاڭخەيدىكى بىر ئەر توي قىلىش- مۇھەببەتلىشىش تور بېكىتى ئارقىلىق ئاياللار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىنى ئۆيى، ئاپتوموبىلى، زاۋۇتى بار دەپ يالغان ئېيتىپ، يالغاندىن پۇل قەرز ئېلىپ سودا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بەش يىلدا بەش قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

 2019- يىلى 12- ئايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شياۋخۇي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلغان. قاراپ چىقىش ئارقىلىق، تەپتىش مەھكىمىسى لى X نى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن، سوت مەھكىمىسى11 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلغان.

 لى X بىلەن شياۋ خۇي 2019- يىلى 6- ئايدا توي قىلىش ـ مۇھەببەتلىشىش تور بېكىتى ئارقىلىق تونۇشقان. لى X ئۆزىنى چەت ئەلدىن قايتىپ كەلدىم، نەنتوڭدا تىجارەت قىلىمەن، 30 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكۈم بار، شاڭخەيدە ئۆيۈم، ئاپتوموبىلىم بار دەپ، بىردەمدىلا چوڭ ياشلىق قىز شياۋخۇينى جەلپ قىلىۋالغان. ئىككىيلەن توردا ناھايىتى خۇشال پاراڭلاشقان، ناھايىتى تېزلا ئۈندىداردا پاراڭلىشىش جەريانىدا مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئورناتقان، گەرچە، كۆرۈشۈش قېتىم سانى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تەسىر يەتمىگەن.

  

 مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە، لى X نەنتوڭدىكى زاۋۇتىمغا مەبلەغ يېتىشمەيۋاتىدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ شياۋخۇيدىن قەرز ئالغان. دەسلەپتە ھەپتىدە بىر قېتىم قەرز ئېلىپ، يەنە ۋاقتىدا قايتۇرغان، كېيىن قېتىم سانى ئاستا- ئاستا كۆپىيىپ، ھەر ئۈچ- تۆت كۈندە ئېلىشتىن كۈن ئارىلاپ قەرز ئېلىشقا ئۆزگەرگەن. لى X كە ئىشىنىدىغان شياۋ خۇي ئۆزىنىڭ ئامانەت پۇلىنى توختىماي لى X كە بېرىپ، يەنە توردىن، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئالغان. 2019- يىلى 11- ئايغا كەلگەندە، شياۋخۇي لى X نىڭ ھەر قېتىم قەرز ئېلىشىنىڭ ئوخشاش بىر سەۋەب -- زاۋۇتنىڭ مەبلەغ ئوبوروتىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، گۇمانلىنىپ قالغان. شياۋخۇينىڭ تەلىپى بىلەن، لى X قەرز ھۆججىتى يازغان ھەمدە قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇددىتى توشقاندا يەنىلا قەرزنى قايتۇرماي، داۋاملىق شياۋخۇيدىن قەرز ئالغان. شياۋخۇي لى X نىڭ يوقاپ كېتىپ، پۇلنى قايتۇرۇپ كېلەلمەسلىكىدىن قورقۇپ، ئاخىرىدا يەنە لى X كە قەرز بەرگەن. ئەمما شياۋخۇي بۇنى تېگى يوق ھاڭدەك ھېس قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن پۇل قالماي، يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان. شياۋخۇي تورغا چىقىپ تەكشۈرۈپ، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا لى X نىڭ لەۋزىدە تۇرمىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقىغان، شياۋخۇي بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

 ساقچىلار لى X نى تۇتقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ، لى X نىڭ 2014- يىلىدىن باشلاپ، توي قىلىش- مۇھەببەتلىشىش تور بېكىتىدە ئاياللار بىلەن تونۇشۇپ، يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن شياۋخۇينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئايالنىڭ جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى بىلگەن. لى X يۇقىرىقى ئالدامچىلىق پاكىتىنى ئېتىراپ قىلغان.

 

 لى X نىڭ دوستى لۇ X نىڭ ئېيتىشىچە، لى X قىمار ئويناشقا ئادەتلىنىپ قالغان بولۇپ، كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا، توردا تونۇشقان قىز دوستلىرىدىن قەرز ئالىدىكەن. ئۇ مۇھەببەت مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ قەرز ئالغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە قايتۇرىدىغان پۇلى يوق ئىكەن. لۇ X دائىم لى X كە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن لى X ئاڭلىمىغان.

 تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ مۇنداق دەپ قارىدى: لى X قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، سوممىسى پەۋقۇلاددە كۆپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى ھەقىقەتەن تولۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش كېرەك.

 «قانۇن سىزگە ھەمراھ» پىروگىراممىمىزدا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىز: توي قىلىش- مۇھەببەتلىشىش تور بېكىتىدە تونۇشقان «باي سودىگەر» سىزگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شېرىن- شېكەر سۆزلەرنىڭ ئارقىسىغا باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان مەخپىيەتلىك يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. توردا دوست تۇتۇش جەريانىدا، جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىڭ.

 

相关阅读