ئۈندىدار ۋەسىيىتى
【发布时间】2021-04-13  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

يېقىندا، جۇڭخۇا ۋەسىيەت ئامبىرى جەمئىيەتكە «2020- يىل جۇڭخۇا ۋەسىيەت ئامبىرى ئاق تاشلىق كىتابى» نى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر جۇڭخۇا ۋەسىيەت ئامبىرى جەمئىي 70 مىڭ پارچىغا يېقىن «ئۈندىدار ۋەسىيىتى» تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپىنچىسى ياشلار توپى ئىكەن. بىراق، ئادۋوكات «ئۈندىدار ۋەسىيىتى» نىڭ قانۇنىي مەنىدىكى ۋەسىيەت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان، جۇڭخۇا ۋەسىيەت ئامبىرىدا «ئۈندىدار ۋەسىيەت» كىچىك تەرتىپىدە سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى يولغا قويۇلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇم ئەڭ ئېغىر ۋاقتىدا، يەنى 2- ئايدىن 3- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى قالدۇرغان «ئۈندىدار ۋەسىيىتى» نىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان. ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، كىچىك تەرتىپ بىر كۈندە نەچچە مىڭ پارچە «ئۈندىدار ۋەسىيىتى» تاپشۇرۇۋالغان.

 «ئۈندىدار ۋەسىيىتى» قالدۇرغان كىشىلەر توپىنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار توپى بولۇپ، 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغانلار %38.7 نى، 20 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر توپى %27.4 نى ئىگىلىگەن، بۇ كىشىلەر توپى ئىچىدە كۆپ قىسمى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، «ئۈندىدار ۋەسىيىتى» ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى قالدۇرغان ئۈندىدار ۋەسىيەتنىڭ ئوبيېكتى «سۆيگۈنى» بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %36.76، ئۇنىڭدىن قالسا «پەرزەنت» ۋە «ئاتا- ئانا» بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا %24.43، %21.24 نى ئىگىلىگەن.

 ئىستاتىستىكىدىن بايقىلىشىچە، 20 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا- ئانىسىغا سۆز قالدۇرۇشنى تاللاپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ كۆپ يىللىق باققان ئەجرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ياشلار بولسا، كۆپ قىسىم سۆز قالدۇرۇش مەزمۇنىنى سۆيگۈنىگە قالدۇرغان. ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى «80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» 73 ئادەم ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا، 2020- يىلى، «80 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» لاردىن ۋەسىيەت قالدۇرغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 503 گە يەتكەن. قىسقىغىنە تۆت يىلدا جەمئىي يەتتە ھەسسە قاتلانغان. 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ۋەسىيىتىدە %97.23 ئى ئۆي- مۈلۈككە چېتىلغان. سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ مال- مۈلكى ئۆي- مۈلۈكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئامانەت پۇلى ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن. تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرۇشىدىكى سەۋەبى ئاساسلىقى «مال- مۈلۈكنىڭ ئىز- دېرەكسىز يوقۇلىشىدىن ساقلىنىش» ۋە «ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش» تىن ئىبارەت ئىكەن.

 سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، جۇڭخۇا ۋەسىيەت ئامبىرىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان ئەڭ ياش ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى 17 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ 2000 ـ يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭمۇ ۋەسىيەت قالدۇرۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «90-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان» لارنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئۇلار ۋەسىيەتنامىگە تېخىمۇ مول مال- مۈلۈك تۈرىنى كۆپەيتكەن. «90-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان» لارنىڭ مال ـ مۈلۈك تەقسىم قىلىش مەزمۇنىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 81.61% ۋەسىيەت قالدۇرغان «90- يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان» لارنىڭ بىر تەرەپ قىلغىنى بانكا ئامانەت پۇلى، 71.54% ئى ئۆي- مۈلۈككە چېتىلغان. باشقا ياش باسقۇچىدىكى ۋەسىيەت قىلغۇچىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، «90-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان»لار ۋەسىيەتكە «مەۋھۇم مال- مۈلۈك» نىڭ كىرگۈزۈلۈشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. جىفۇباۋ، ئۈندىدار، QQ، ئويۇن نومۇرى قاتارلىق مەۋھۇم مال- مۈلۈك «90ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار» ۋەسىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان مال- مۈلۈك تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئاكسىيە فوندى بولغان. ۋەسىيەت قالدۇرۇش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن بولغان.

 

 «2020- يىل جۇڭخۇا ۋەسىيەت ئامبىرى ئاق تاشلىق كىتابى» دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭخۇا ۋەسىيەت ئامبىرى 2013- يىلى قوزغۇتۇلغاندىن بۇيان، سەككىز يىلدا ۋەسىيەتتىن مەسلىھەت سوراشن مىقدارى تەدرىجىي ئېشىش ھالىتىدە بولغان بولسىمۇ ، بىراق ۋەسىيەت قالدۇرۇش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن بولغان.

 دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى 2017- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە بىرىنچى سوتتا 117 مىڭ 937 ، 141 مىڭ 134 ۋە 143 مىڭ 580 ۋارىسلىق قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەسىيەت دېلوسى 6 مىڭ 6 ، 6 مىڭ 521 ۋە 6 مىڭ 872 بولۇپ، ۋەسىيەت قالدۇرۇش نىسبىتى %5 كىمۇ يەتمىگەن.

 ئۇنداقتا «ئۈندىدار ۋەسىيىتى» قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

 ئادۋوكات «ئۈندىدار ۋەسىيىتى» نىڭ ئاساسلىقى ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان تاپىلاش، ھاۋالە قىلىش ۋە بەخت تىلەش قاتارلىق ھېسسىيات جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى، «ئۈندىدار ۋەسىيىتى» نىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيەت شەكلىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، ۋەسىيەت قالدۇرۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا قانۇنىي ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەسىيەت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، قانۇنىي ۋەسىيەت شەكلى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۆزى يازغان ۋەسىيەت، باشقىلارغا يازدۇرغان ۋەسىيەت، بېسىپ چىقارغان ۋەسىيەت، ئۈن- سىنغا ئېلىنغان ۋەسىيەت، ئاغزاكى ۋەسىيەت، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەت.

相关阅读