ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاچىسىنىڭ ئىنىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ- يوق؟​
【发布时间】2021-04-21  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 كۆپچىلىك «مېنىڭ ئاچام» دېگەن كىنونى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. كىنودا ئاتا- ئانىسى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلىپ، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاچىسى ئەن رەنگە يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ئىنىسى ئەن زىخېڭنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە بايان قىلىنغان. 24 ياشلىق ئاچىسىنىڭ ھاياتلىق نىشانى ئالدىدا، ئالتە ياشلىق ئىنىسىنى بېقىش ـ تەربىيەلەش بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئالاقىلاشمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئاتا- ئانىسى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىنىسى قاتارلىق ئائىلىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبىدىن ئەنرەننىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.

 ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاچىسىنىڭ ئىنىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ- يوق؟ كىنونىڭ ئاخىرىدىكى «مەڭگۈ كۆرمەسلىك» كېلىشىمىنىڭ قانۇن كۈچى بارمۇ ـ يوق؟ «مېنىڭ ئاچام» كىنوسىغا چېتىلىدىغان بۇ قانۇن مەسىلىلىرىگە پىروگىراممىمىزدا جاۋاپ بېرىمىز.

 ئاچىسىنىڭ ئىنىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟

 «مېنىڭ ئاچام» ناملىق كىنودا، كۈتۈلمىگەن ھادىسە ئالدىدا، ئاچىسى ئەنرەن بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش نىشانى بويىچە ياشاشنى تاللاشقا دۇچ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىۋىي پىكىر ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بىسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. كىنودا ھاممىسى «سىز دىگەن ئاچا»، «ئاچا دېگەن ئانىغا ئوخشاش» دېگەن سۆزلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ھەممە ئادەم ئالتە ياشلىق ئىنىسىنى بېقىش ـ تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەنرەن زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. قانۇن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، قۇرامىغا يەتكەن ئاكا- ئاچىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ئىنى- سىڭىللىرىنى بېقىش ـ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بارمۇ- يوق؟ كىنودىكى ئاچىسىنىڭ ئىنىسىنى بېقىش ـ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 27- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاتا- ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەسىيسىدۇر. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ۋەسىيلىك ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، ۋەسىيلىك ئىقتىدارىغا ئىگە تۆۋەندىكى كىشىلەر تەرتىپ بويىچە ۋەسىيلىك قىلىدۇ:

 (1) بوۋا-مومىلىرى؛

 (2) ئاكىسى، ئاچىسى؛

 (3) ۋەسىيلىك قىلىشنى خالايدىغان باشقا شەخس ياكى تەشكىلاتلار، لېكىن شۇ قۇرامىغا يەتمىگەن كىشى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 1075- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بېقىش ئىقتىدارى بار ئاكا، ئاچىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا- ئانىسى باقالمايدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئىنىسى، سىڭلىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.

 كىنودىن رېئاللىققا، رېئاللىقتىن قانۇنغا قايتىش ئاقىلانە تاللاشنىڭ ئاساسى. قانۇن جەھەتتىن قۇرامىغا يەتكەن ئاچىسى ئەن رەن ئىنىسىنىڭ ۋەسىيسى بولۇپ ئىنىسىنى بېقىش ـ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئۇنداقتا ھېسىيات جەھەتتىنچۇ؟ ئۆزىنىڭ «بۇ يەردىن ئايرىلىش» تەك ھاياتلىق نىشانى ئالدىدا، ئۇنىڭ يەنە باشقا تاللىشى بارمۇ؟

 ئاچىسى ئىنىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بەرسە بولامدۇ؟

 كىنودا، ئاچىسىنىڭ ئىنىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىۋەتمەكچى بولغانلىقى خېلى غۇلغۇلا قوزغىدى. بىر قىسىم تورداشلار ئۇنى بەك رەھىمسىز دەپ قارىدى ھەمدە ۋەسىيسى بولغان ئاچىسىنىڭ ئىنىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىش ھوقۇقى بار ـ يوقلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەن رەن ئەن زىخېڭنىڭ ۋەسىيسى بولدى، ئىنىسىنى شارائىتى ياخشى ئائىلىلەرنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىۋەتسە بولامدۇ؟ دېگەندەك گۇمانىي سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 1094- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۆۋەندىكى شەخس، تەشكىلاتلار باقتۇرغۇچى بولالايدۇ:

 (1) يېتىم بالىنىڭ ۋەسىيسى؛

 (2) بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى؛

 (3) ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا ئۆز بالىسىنى باقالمىغان ئاتا-ئانىلار.

 ئەمما ئاتا- ئانىسى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە ئاچىسى بار ئەن زىخېڭ، قانۇن جەھەتتە «يېتىم بالا» ھېسابلىنامدۇ؟ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، يېتىم بالا بولۇشتا ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇش شەرت قىلىنىدۇ. كىنودىكى ئەن زىخېڭنىڭ ئاتا- ئانىسى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن، شۇڭا ئەن زىخېڭنى يېتىم بالا دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. بۇ چاغدا، ئاچىسى ئەن زىخېڭنىڭ ۋەسىيسى بولىدىغان بولۇپ، ئىنىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بەرسە بولىدۇ.

 ئەن رەن ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ قىزلارنى كەمسىتىدىغان، ھەتتا يالغاندىن مېيىپ بولۇۋېلىپ ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشۋالغان ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. كىنودا ئىنىسى ئاچىسىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئوغرىلىقچە يەسلىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىكى تېلېفون ئارقىلىق بېقىۋالماقچى بولغان ئائىلە بىلەن ئالاقىلىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى بېقىۋېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاچا- ئىنىنىڭ بىر- بىرىنى مۇرادىغا يەتكۈزمەكچى بولۇشى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا قانداق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىۋېلىشقا بولىدۇ؟ بېقىۋالغۇچى قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك؟

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 1093- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۆۋەندىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىۋېلىشقا بولىدۇ:

 (1) ئاتا- ئانىسىدىن يېتىم قالغان بالىلار؛

 (2) ئۆز ئاتا- ئانىسى تېپىلمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار؛

 (3) ئۆز ئاتا- ئانىسى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا باقالمىغان پەرزەنتلەر.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 1098- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بېقىۋالغۇچى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى تەڭلا ھازىرلىشى كېرەك:

 (1) پەرزەنتسىز بولۇش ياكى بىرلا پەرزەنتى بولۇش؛

 (2) بېقىۋېلىنغۇچىنى بېقىش، تەربىيەلەش، قوغداش ئىقتىدارى بولۇش؛

 (3) تېبابەتتە بالا بېقىۋالسا بولمايدۇ دەپ قارىلىدىغان كېسىلى يوق بولۇش؛

 (4) بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەت خاتىرىسى يوق بولۇش؛

 (5) 30 ياشقا توشقان بولۇش.

 ئۆيگە ئىنىسىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟ كىنودا ئاتا- ئانىسى بىر يۈرۈش ئۆينى ئاچىسىنىڭ نامىغا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇمۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭغا تەھدىت سالىدىغان كوزىرىغا ئايلىنىدۇ. غايەت زور قايغۇ- ھەسرەت ئالدىدا، ئەن رەن ئۆينىڭ نامىنى ئىنىسىنىڭ نامىغا يۆتكىۋەتسىلا، ئىنىسىنىڭ «ۋارىس» بولالايدىغانلىقىنى ئۇقىدۇ. ئىنىسىنى بېقىۋالىدىغان ئائىلىنى تاپقاندىن كېيىن، ئاچىسىمۇ ئۆي پۇلىنىڭ يېرىمىنى ئىنىسىغا بېرىدۇ. ئۇنداقتا، ئۆي- مۈلۈك گۇۋاھنامىسىغا ئاچىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان تۇرسا، بۇ ئۆيگە ئىنىسىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولامدۇ ـ يوق؟

 ئىنىسى ئەنزىخېڭنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ۋارىسلىق ـ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق ۋە ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق دەپ ئايرىلىدۇ. كىنودا ئاچا- ئىنى ئىككىيلەننىڭ ئاتا- ئانىسى ۋەسىيەت قالدۇرمىغان بولۇپ، پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق بويىچە ۋارىسلىق تەدبىقلىنىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 214- ماددىسىغا ئاساسەن، ئۆي ئەنرەنگە تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ مىراسىغا تەۋە ئەمەس. شۇڭا نەرسە ھوقۇقىنى تىزىملاش كۈچى جەھەتتە ئىنىسىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بولمايدۇ. ئەمما ئەن رەن ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆي پۇلىنىڭ يېرىمىنى ئىنىسىغا بەرگەن، فىلىمدە مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئادەمگەرچىلىك نامايان قىلىنغان.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 214- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىدىغان بولسا، ئۇ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىگە تىزىملىغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

 «قايتا كۆرۈشمەسلىك» كېلىشىمى رېئال تۇرمۇشتا قانۇن كۈچىگە ئىگە بولامدۇ؟

 كىنو ئوچۇق شەكىلدە ئاخىرىلاشقان. بېقىۋالغان ئائىلىنىڭ «ئىنىسىنى مەڭگۈ كۆرمەسلىك» كېلىشىمىدىكى تەلەپكە ئاچىسى ئىمزا قويۇشقا كۆڭلى ئۇنماي، ئىنىسىنى «يېڭى ئۆيى» دىن ئېلىپ قېچىپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا بولۇشىچە يۈگۈرەيدۇ. كىنو ۋەقەلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، تاماشىبىنلارنىڭ كىنونىڭ مۇشۇنداق ئوچۇق شەكىلدە ئاخىرىلىشىشغا بولغان مۇنازىرسىمۇ بارغانسېرى قىزىپ كەتتى. قېرىنداشلىق مېھرى، قان بىلەن گۆشتەك. كىنودىكى ئەن رەننىڭ ئىمزا قويالمىغان «مەڭگۈ كۆرمەسلىك» كېلىشىمنامىسى رېئال تۇرمۇشتا قانۇن كۈچىگە ئىگە بولامدۇ- يوق؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى: ئەگەر ئەن رەننىڭ ئىنىسىنى بېقىۋېلىشقا بەرسە بولىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، «مەڭگۈ كۆرمەسلىك» پۈتىمىمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 8- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا قانۇنلارغا، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ- ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلماسلىقى لازىم.

 ياخشى ئۆرپ- ئادەت جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئەخلاق قارىشىنى ئاساس قىلغان ئۆرپ- ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدىغان، ئەمەل قىلىدىغان ئەخلاق مىزانى. ۋۇ ئادۋوكات مۇنداق دەپ قارىدى: ئەنرەن، ئەن زىخېڭ ئاچا- ئىنى ئوتتۇرىسىدا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان، ئەمما قانۇن جەھەتتە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئەخلاق جەھەتتە، قېرىنداشلىق مېھرى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن يوقالمايدۇ. شۇڭا، «مېنىڭ ئاچام» ناملىق كىنونىڭ ئاخىرىدا، بېقىۋالغان ئائىلە ئەن رەندىن ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغان «ئىنىسى بىلەن مەڭگۈ كۆرۈشمەسلىك» كېلىشىمى بىر تۇققان ئاچا- ئىنىنىڭ كۆرۈشۈش ھوقۇقىنى چەكلىگەن. بۇنداق قىلىش قانۇندىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولمىسىمۇ، لېكىن بىر ئاق كۆڭۈل كىشى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغاندا، بۇ كېلىشىم ئاق كۆڭۈل بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ئۆرپ ـ ئادەت پىرىنسىپقا خىلاپ، شۇڭا بۇنداق پۈتۈم كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

相关阅读