جورىسى 3-شەخستىن ھەدىيە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك دېلو مىسالىنى
【发布时间】2021-04-25  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 ئايالى ئۆيلىنىش مەزگىلىدە ئاشنىسىغا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل يۆتكەپ بەرگەن، يەنە ئاپتوموبىل، گۇچى ماركىلىق بىلەيزۈك، كادىيا ماركىلىق ئۈزۈك ئېلىپ بەرگەن. ئېرى سوت مەھكىمىسىگە ئۈچىنچى شەخسنىڭ ھەممە نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلغان، سوت مەھكىمىسى قانداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ؟ يېقىندا خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى كەيفۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

 2013 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، جاڭ ئەپەندى بىلەن جۇۋ خانىم توي قىلىپ، تويدىن كېيىن بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان. 2018 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، جۇۋ خانىم ماۋ فامىلىلىك بىلەن تونۇشۇپ، ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ئارلىشىش جەريانىدا، ماۋ فامىلىلىك جۇۋ خانىمنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى بىلگەن.

 2018 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جاڭ ئەپەندى ئايالىنىڭ يولدىن چىققانلىقىنى بايقاپ، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق: 2018 ـ يىلى 3 ـ ئايدىن بۇيان، ئايالى جۇۋ خانىم ئۇنىڭدىن يوشۇرۇنچە كۆپ قېتىم ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش، نەق پۇل قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ماۋ فامىلىلىككە 221 مىڭ 619 يۈەن 7 مو 7 پۇڭ بەرگەنلىكىنى؛ جۇۋ خانىم يەنە ماۋ فامىلىلىكنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشى ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەن تۆلەپ بەرگەنلىكىنى، «گۇچى» ماركىلىق بىلەيزۈكتىن بىرنى ۋە بىر «كادىيا» ئۈزۈك سوۋغا قىلغانلىقىنى بىلگەن.

 شۇنىڭ بىلەن جاڭ ئەپەندى ماۋ فامىلىلىك ۋە ئايالى جۇۋ خانىمنى چاڭشا شەھىرى كەيفۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە، ئىككى جاۋابكار ئوتتۇرىسىدىكى ھەدىيە ھەرىكىتىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ، ماۋ فامىلىلىكنىڭ ھەدىيە قىلىنغان پۇل ـ مالنى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلغان.

 جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ماۋ فامىلىلىك جاۋابكار جۇۋ خانىمنىڭ يولدىشى بار ئايال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ- ئادەتكە خىلاپلىق قىلغان. ئىككىيلەننىڭ ھەدىيە ھەرىكىتى ئاشنىدارچىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ھەدىيە ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىكەن، ماۋ فامىلىلىك ھەدىيە قىلىنغان پۇل ـ مالنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكككەن.

 ماۋ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى دەلىل ـ ئىسپات ماتېرىياللىرى ئۇنىڭ دەۋاگەر تەشەببۇس قىلغان پۇل ـ مالنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ، جاڭ ئەپەندى تەشەببۇس قىلغان ھەدىيە ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي كۈچكە ئىگە ئەمەس دېگىلى بولمايدىكەن.

 جۇۋ خانىم: ماۋ فامىلىلىك بىلەن ئارلاشقان مەزگىلدە، ماۋ فامىلىلىك ھېچقانداق پۇل خەجلىمىگەن، ئالاقىدار ئىستىمال چىقىمىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان؛ ماۋ فامىلىلىككە ئالدىنىپ، ئۇنىڭغا زور سوممىلىق پۇل ـ مال ھەدىيە قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

 سوت مەھكىمىسى 2018 ـ يىلى 3 ـ ئايدىن 2018 ـ يىلى 11 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار ماۋ فامىلىلىك جاۋابكار جۇۋ خانىمنىڭ ئۆزىگە ھەدىيە قىلغان جەمئىي 220 مىڭ 849 يۈەن 7 مو 7 پۇڭنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى ھەدىيە ھەرىكىتىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلغان.

 دەۋاگەر جاڭ ئەپەندى جاۋابكار جۇۋ خانىمنىڭ جاۋابكار ماۋ فامىلىلىكنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشى ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەن بېرىپ قەرز بولغانلىقى ۋە جاۋابكار جۇۋ خانىمنىڭ جاۋابكار ماۋ فامىلىلىككە «گۇچى» ماركىلىق بىلەيزۈكدىن بىرنى، «كادىيا» ماركىلىق ئۈزۈكتىن بىرنى ھەدىيە قىلغانلىقىنى ھازىرقى دەلىل ـ ئىسپات ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، ھەقىقەتەن ئىسپاتلىيالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋابكار ماۋ فامىلىلىك بۇنى ئىنكار قىلغاچقا، دەۋاگەر جاڭ ئەپەندىنىڭ بۇ پاكىت تەشەببۇسىنى سوت مەھكىمىسى ئىشەنچىلىك دەپ قارىمايدۇ.

 سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، بۇ دېلودا، جاۋابكار جۇۋ خانىمنىڭ جاۋابكار ماۋ فامىلىلىككە پۇل ـ مال ھەدىيە قىلىش ھەرىكىتىدە جورىسى دەۋاگەر جاڭ ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى پۇلنىڭ ھەدىيە قىلىنىشى جاۋابكار جۇۋ خانىم بىلەن جاۋابكار ماۋ فامىلىلىكنىڭ ناتوغرا مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ؛ جاۋابكار ماۋ فامىلىلىك جاۋابكار جۇۋ خانىمنىڭ جورىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاشنا بولغان ھەمدە كۆپ سوممىلىق مال ـ مۈلۈك ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلغان، روشەنكى، بۇ نامۇۋاپىق قىلمىش، سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا چېتىشلىق جاۋابكار جۇۋ خانىمنىڭ جاۋابكار ماۋ فامىلىلىككە مال ـ مۈلۈك ھەدىيە قىلىش ھەرىكىتىنى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ، ئىجتىمائىي مەنپەئەتكە دەخلى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئىناۋەتسىز دەپ بېكىتكەن.

 «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 157ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن: ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز بولغان، بىكار قىلىنغان ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قىلمىشچى شۇ ھەرىكەت بىلەن ئىگە بولغان مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇشى كېرەك. ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، جاۋابكار ماۋ فامىلىلىك جاۋابكار جۇۋ خانىمنىڭ ھەدىيە قىلىشى بىلەن 220 مىڭ 849 يۈەن 7 مو 7 پۇڭغا ئېرىشكەن. بۇ دېلونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ماۋ فامىلىلىكنىڭ دەۋاگەر جاڭ ئەپەندىگە 220 مىڭ 849 يۈەن 7 مو 7 پۇڭ قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

 بۇنىڭغا ئاساسەن، چاڭشا شەھىرى كەيفۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، جاۋابكار جۇۋ خانىم بىلەن جاۋابكار ماۋ فامىلىلىك ئوتتۇرىسىدىكى ھەدىيە ھەرىكىتىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى؛ جاۋابكار ماۋ فامىلىلىك ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە دەۋاگەر جاڭ ئەپەندىگە 220 مىڭ 849 يۈەن 7 مو 7 پۇڭنى قايتۇرۇش؛ دەۋاگەرنىڭ باشقا دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.