<توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش-سېتىشنى باشقۇرۇش چارىسى>) ئېلان قىلىندى
【发布时间】2021-04-29  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

▲ يېقىندا، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، دۆلەت بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىكتە «توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش-سېتىشنى باشقۇرۇش چارىسى» نى ئېلان قىلىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش - سېتىش «سەھنىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى» تۈرلۈك سۇبيېكتلار، «تور ۋە ئەمەلىي» تۈرلۈك مۇھىم ئامىللارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

 «چارە» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىۋاسىتە كۆرسىتىش ـ سېتىش سۇپىسى ھېسابات نومۇرى ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ـ سېتىش ئىقتىدارىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، كۆرسىتىش ـ سېتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش، تور ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مېخانىزم، تەدبىرلەرنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، چارە بويىچە بىۋاستە ساتقۇچىلاردىن ياكى بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيىدىكى تىجارەتچىلەردىن تەبىئىي شەخس بولغانلىرى 16 ياشقا توشقان، 16 ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىۋاستە كۆرسىتىش تىجارەتچىسى ياكى بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيىدىكى تىجارەتچىسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ۋەسىيلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

 جەمئىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش مەسىلىسىگە قارىتا، چارىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىۋاسىتە كۆرسىتىش ـ سېتىش سۇپىسى ئاممىنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇر مەزمۇنى، كۆرسىتىش ـ سېتىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئەرز- شىكايەتلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

 ئىگىلىنىشىچە، «توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش-سېتىشنى باشقۇرۇش چارىسى» 2021-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.