بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى تالىشىشقا دائىر دېلو
【发布时间】2021-05-27  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 كۆپچىلىك كۈندىلىك تۇرمۇشتا، گەرچە ئاجرىشىش ئاسان بولسىمۇ، ئەمما بالىسى بولغان ئەھۋالدا ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بالىنى كىم باقىدۇ ؟ بۇ نۇرغۇن ئاجراشقان ئەر- ئاياللارنىڭ تالاش- تارتىش قىلىدىغان قىزىق نۇقتىسى. كىمنىڭ ئۆيى، پۇلى بولسا بالىنى شۇ باقامدۇ؟ بۇنداق بولىشىمۇ ناتايىن.

 ئا جيەن 2017- يىلى يەن زى بىلەن توي قىلغان. 2018- يىلى ئىككەيلەننىڭ بالىسى خاۋ خاۋ تۇغۇلغان. 2020- يىلى ئا جيەن سوت مەھكىمىسىگە ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان. ئا جيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ داۋاملىق جىدەل قىلىپ، مىجەزى كېلىشمىگەچكە، ئەر- ئاياللىق مۇھەببىتى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، يارىشىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى قالمىغان. 2019- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ، ئىككى تەرەپ ئايرىلىپ تۇرغان، كېيىن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

 يەن زى ئاجرىشىشقا قوشۇلغان، ئىككى تەرەپ مال- مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىغان، پەقەت بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھەر قايسىسى ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرغان. ئا جيەن خاۋخاۋنى ئۆزىنىڭ باقىدىغانلىقىنى، يەنزىنىڭ بېقىش ھەققى بەرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقىم كىرىمى، ئوقۇش تەۋەلىكىگە ئىگە ئۆيى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەخسىي ساپاسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى، بالىنى ياخشى ئوقۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقى، ئاتا- ئانىسىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكى، پېنسىيە پۇلى بارلىقى، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ياردەملىشىدىغانلىقى، يەنزىنىڭ بولسا ئوقۇش تارىخى تۆۋەن، ئۆيى يوق، ھەم خىزمىتىنىڭمۇ مۇقىم ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرگە تەۋە كەنتتە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغاچقا، بالىنى ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتالمايدىغانلىقى، ياخشى تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 يەن زى بولسا: «بالىنى بېقىش ھوقۇقى ماڭا تەۋە بولۇشى كېرەك، ئا جيەن ئايدا بېقىش ھەققى بېرىشى كېرەك. ئۆزۈم 43 ياشقا كىرگەندە ناھايىتى تەستە پەرزەنت كۆرگەن، ئەمدى پەرزەنتلىك بولالمايمەن. خاۋ خاۋ بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھازىرغىچە ئانا سۈتىگە قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېقىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزچىل مەن بىلەن ياشاپ كەلدى، بالىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئا جيەننىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ئەزەلدىن يالغۇز بالىغا قاراپ باقمىدى، تېنى ئاجىز، كېسەلچان بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدۇ. ئۆزۈم ئۆيلىنىشتىن بۇرۇن ئىزچىل ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان، نوپۇسۇم تۇرۇشلۇق جايدا پاي پايدا تەقسىماتى ۋە ئۆيلۈك يىرىم بار. ئىككىيلەن ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۆزۈم خاۋخاۋنى ئېلىپ ئاتا- ئانام ۋە بىر تۇغقان ئىنىمنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپ، بىر- بېرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، چوڭ ئائىلىنىڭ قېرىنداشلىق كەيپىياتىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. خاۋ خاۋنىڭ بوۋا- مومىسىنىڭ تېنى ساغلام، ماغدۇرىدىن كەتمىدى ھەم خاۋ خاۋنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ياردەملىشىشنى خالايدۇ» دېدى.

 يەن زى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئا جيەن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مېنىڭ ئوقۇش تارىخىم، ئائىلە چىقىشىم، كىرىمىم ئا جيەننىڭكىگە يەتمىگەچكە، مېنى كۆزگە ئىلمىدى، بۇنداق پەزىلەتسىز كىشىلەر بالا بېقىشقا ماس كەلمەيدۇ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە پەقەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىگە قاراشقا بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئاتا- ئانا بولغۇچىلار سۆز- ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇپ بالىنى ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايدىغان ساپاغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك».

 ئاخىرىدا گۇاڭجۇ شەھىرى بەييۈن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى :«خاۋ خاۋنى يەنزى بېقىپ تەربىيەلەيدۇ. ئا جيەن ئايدا 2 مىڭ 500 يۈەن بېقىش ھەققى بېرىدۇ، خاۋ خاۋنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يوقلاپ تۇرسا بولىدۇ» دەپ بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقاردى. ئا جيەن ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇندى. گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2- سوتتا قاراپ چىققاندىن كېيىن ھۆكۈم چىقىرىپ ئا جىيەننىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى. 

 بۇنداق ھۆكۈم قىلىشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

 بېقىش ھوقۇقى توغرىسىدا:

 سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: دېلوغا قاراپ چىقىلغاندا خاۋ خاۋ ئىككى ياشقا كىرىپ ئىككى ئايلىق ئاشقان، يېشى كىچىك، تېنى ئاجىز، گەرچە ھازىر يەن زىنىڭ تۇرالغۇ، تۇرمۇش، تەربىيەلەش شارائىتى ئا جيەننىڭكىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭمۇ كىرىمى ۋە مۇقىم تۇرالغۇسى بولۇپ، بېقىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خاۋ خاۋ تۇغۇلغاندىن باشلاپ يەن زى بېقىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن، تۇرمۇش مۇھىتى ئىزچىل مۇقىم بولۇپ كەلگەن، سوت قاراپ چىققاندىمۇ بالىنىڭ ئانىسىغا بېقىنىشى ۋە مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنى يەڭگىللىك بىلەن ئۆزگەرتىش ھازىرقى باسقۇچتا بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز. ماددىي، ئىقتىسادىي جەھەتكە كەلسەك، ئا جيەن بالىنىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئۇنىڭ بالىنى بىۋاسىتە باقىدىغان تەرەپكە ھەمكارلىشىپ، بالىغا تېخىمۇ ياخشى بېقىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە قۇربى يېتىدۇ.

 بېقىش خىراجىتى ھەققى توغرىسىدا:

 مۇقىم كىرىمى بولغان، پەرزەنتىنى بىۋاسىتە باقمايدىغان تەرەپ ئۈستىگە ئالىدىغان بېقىش خىراجىتى ئادەتتە ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ 20- 30 پىرسەنتى بويىچە بېرىلىدۇ. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئا جيەن ئۆزىنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ تەخمىنەن 20 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، پەرزەنتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەمەلىي ئېھتىياجى، ئاتا- ئانا ئىككى تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى ۋە تۇرۇشلۇق رايونىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سەۋىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، سوت مەھكىمىسى ئا جيەنگە ئايدا 2 مىڭ 500 يۈەن بېقىش ھەققى بېرىشنى بېكىتكەن.

 يوقلاش ھوقۇقى توغرىسىدا:

 ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئا جيەن خاۋ خاۋنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ھەپتىدە بىر قېتىم يوقلاپ تۇرسا بولىدۇ.

 سوت مەھكىمىسى يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەن زىنىڭ بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشنى چىقىش قىلىپ، ئا جيەننىڭ يوقلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، بالىغا ئاتا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ يەنە ئا جيەننىڭ يوقلاش ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ، يوقلاش مەزگىلىدە بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، بالىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپ، بالا بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككى تەرەپ كونكرېت يوقلاش ئىشلىرى، بالىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاداۋەتنى قويۇپ، ئورتاق تىرىشىپ، بالىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە ساغلام ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، بالىنى يوقلاش سەۋەبىدىن تالاش- تارتىش قىلىپ بالىغا روھىي جەھەتتىن زىيان سالماسلىقى كېرەك. ئىككى تەرەپ بالىنى ئاسراشنى چىقىش قىلىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، بالىنى يوقلاش ئىشىنى ئورتاق ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىش قىلىشى كېرەك.

 سوتچى مۇنداق دېدى: قانۇن جەھەتتە، ئاتا- ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى بېقىشى ھەم ھوقۇق، ھەم مەجبۇرىيەت.

 ھەق- تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتە، ئەسلىدىكى ئۆيلىنىش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «ئاجراشقاندىن كېيىن، ئېمىۋاتقان مەزگىلدىكى پەرزەنتلەرنى بېقىشتا ئېمىتىۋاتقان ئانىسىنىڭ بېقىشى پىرىنسىپ قىلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە «ئىككى ياشقا توشمىغان پەرزەنتلەرنى ئانىسىنىڭ بىۋاسىتە بېقىشى پىرىنسىپ قىلىنىدۇ»، «قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرگە ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ»، «پەرزەنتلىرى سەككىز ياشقا توشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك» دەپ ئۆزگەرتىلىدۇ.

 ئاجرىشىش دېلولىرىدا، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ كۆپ ھاللاردا پەرزەنتلىرىنى بېقىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن تالاش- تارتىش قىلىشىدۇ. سوت مەھكىمىسى بېقىش ھوقۇقىغا ھۆكۈم قىلغاندا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشنى تېخىمۇ كۆپ ئويلىشىدۇ، يەنى «قايسى تەرەپنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىشى پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇرمۇشىغا، پەرزەنتلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق» دېگەننى ئويلىشىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇنداق ئويلىشىشتا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئويلىشىپلا قالماي، يەنە مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى، دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ۋە ھەمراھ بولۇشى، پەرزەنتلىرىنىڭ پىسخىكىلىق تايىنىشى ۋە بىر تەرەپتە پەرزەنتىنى بېقىشقا ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار- يوقلۇقى قاتارلىقلار تېخمۇ ئويلىشىلىدۇ.

 بۇ دېلودا، گەرچە ئەر تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئايال تەرەپنىڭكىدىن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن سوت مەھكىمىسى ئايال تەرەپنىڭ بالىنى ئىزچىل بېقىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرگەنلىكى، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقى، بالىنىڭ ئانىغا پىسخىكا جەھەتتىن بەكرەك تايىنىشى قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەر تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، بالىنى ئانىسىنىڭ بېقىشىغا ھۆكۈم قىلغان.

 ئاجرىشىش ئەر- ئايال ئىككى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ئۆيلىنىشنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن ئاتا- بالا ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرىنى ئۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ. ھېسسىيات جەھەتتە كېلىشەلمىگەن ئاتا- ئانىلار زىددىيەتنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئاقىلانە كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆيلىنىشنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ بالىلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بالىلارنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇسۇلنى تاللىشى كېرەك.