مىكرو بىلوگدا يۈەن لوڭپىڭنى ھاقارەتلىگەنلەر جازالاندى
【发布时间】2021-05-31  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنى ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. مىكرو بىلوگ ئايرىم ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۈەن ئاقساقالغا ھاقارەت قىلىپ ھۇجۇم قىلىدىغان زىيانلىق مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايقىدى. ئىلگىرىكى بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىدا، مىكرو بىلوگ تورداشلارنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن يەنە 64 ھېسابات نومۇرىغا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن، مەڭگۈلۈك تاقاش جازاسى بەردى.

 مىكرو بىلوگ تەرەپ يەنە داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئالاقىدار زىيانلىق مەزمۇنلار ۋە ھېسابات نومۇرلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. تورداشلارنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارنى بايقىغاندا ئاكتىپ ئەرز قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.