چېنىقىش ئورنىدىن ئايرىم ئۆگىتىش دەرسلىكى سېتىۋېلىش
【发布时间】2021-06-10  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

ھازىر بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى شەھەر تۇرمۇشىدىكى بىر خىل مودىغا ئايلاندى، بىرگە بىر ئۆگىتىپ يېتەكچىلىك قىلىش-- كەسپىي بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. ئەمما، چېنىقىش ئۆيىدە چېنىقىپ تەندىكى كالورىيەنى خورۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قانۇن جەھەتتە خەۋپ- خەتەرگە ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بەدەن چېنىقتۇرۇش كارتىسى بېجىرىشتىن كېلىپ چىققان مۇلازىمەت توختامى ماجىراسىنى سوت قىلدى.

 دېلو ئەھۋالى مۇنداق: 

چېقىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان لى خانىم 2017- يىلى 10- ئايدا كاڭلې بەدەن چېنىقتۇرۇش شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، لى خانىم ئۆزىگە يېرىم يىللىق بەدەن چېنىقتۇرۇش كارتىسى سېتىۋالىدىغانغا؛ يەنە ئىككى تەرەپ ئايرىم ئۆگىتىدىغان دەرسلىك سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، لى خانىم ئايرىم ئۆگىتىدىغان ترېنېرنىڭ دەرسلىكىنى سېتىۋالىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەن، توختامغا «ئالدىن سېتىلغان كارتىنى ئالماشتۇرۇشقا، قايتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئاغزاكى ۋەدە كۈچكە ئىگە ئەمەس» دېگەن خەت ئويۇلغان تامغا بېسىلغان. لى خانىم بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىغا يېرىم يىللىق كارتا مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن 2 مىڭ 700 يۈەن ۋە ئايرىم ئۆگىتىدىغان مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن 12 مىڭ 800 يۈەن تاپشۇرغان. كېيىن لى خانىم يەنە بىر قېتىم توختاملىشىپ 6 مىڭ 300 يۈەنلىك مۇسكول بوشىتىش دەرسلىكى سېتىۋالغان.

ئەمما، لى خانىم بىر مەزگىل ئايرىم ئۆگىتىدىغان دەرسلىك بويىچە چېنىققاندىن كېيىن، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىنىڭ ئايرىم ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچىسى جاۋ فامىلىلىكنىڭ كۆپ قېتىم ئۆزىگە تىل پاراكەندىچىلىكى سالغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە توختامنى بىكار قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لى خانىمنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان ئۈندىداردا پاراڭلىشىش خاتىرىسىدە، لى خانىم ترېنېر جاۋ فامىلىلىكنىڭ دەرس ئۆتۈشىنى خالىمايدىغانلىقى، جاۋ فامىلىلىكنىڭ بىر قانچە قېتىم ئۆزىنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى، لى خانىمنىڭ بۇنىڭدىن بىزارلىقى ئىپادىلەنگەن. بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىلىرى بولسا: «جاۋ فامىلىلىكنىڭ پەزىلىتىدە مەسىلە بولسا، ھازىر بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ، تېزدىن ھەل قىلىنىدۇ. بۇ ئىشنى ئەڭ ياخشىسى ئىككى تەرەپ بىلىپ قالسىلا بولدى» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

بۇلا ئەمەس، لى خانىم يەنە ئەزا بولغۇچىلارنىڭ ئەرز- شىكايىتىنى خاتىرىلەش جەدۋىلىگە، ئايرىم ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلغان ترېنېر جاۋ فامىلىلىكنىڭ ئۆزىگە تىل ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەنلىكى، ئۆزىدە پىسخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىيىلىك ھودۇقۇش، يۈرەك سېلىش، تەرلەش، تىترەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكىنى يازغان، جەدۋەلدە يەنە قەلەم بىلەن يېزىلغان لى خانىم ئۆگىنىپ بولالمىغان دەرس سائىتى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن. مەسىلىنىڭ ئىزچىل ھەل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرگەن لى خانىم ئاچچىقىغا پايلىماي «كاڭلې» بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، توختامنى بىكار قىلىش ھەمدە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

سوت مەھكىمىسى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىنىڭ «توختامدىكى دەرسلىكنى ئالماشتۇرۇشقا، قايتۇرۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا پۈتۈم بار» دېگەن تەشەببۇسىغا قارىتا، بىرىنچى سوتتا: «بۇ ماددا ئەندىزىلىك ماددىغا تەۋە، ئۇنىڭ ئۈستىگە لى خانىمنىڭ ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئالماشتۇرۇش، قايتۇرۇۋېتىش ھوقۇقى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، شۇڭا كۈچكە ئىگە ئەمەس» دەپ قاراپ، «ئىككى تەرەپنىڭ ئىمزالىغان توختامىنى بىكار قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىنى لى خانىمغا 16 مىڭ 371 يۈەن مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا» ھۆكۈم چىقاردى.

بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنى بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، نارازىلىق ئەرزى سۇندى. ئاخىرىدا بېيجىڭ شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلدى.

سوتچى مۇنداق ئەسكەرتمە بەردى:

ھازىر جەمئىيەتتە بەدەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ كىشى چېنىقىش ئۆيلىرىگە كىرىشنى تاللاپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىلەنمەكتە. بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆپرەك قىممەت ساقلاش تىپىدىكى كارتا بېجىرىشنى يولغا قويىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ خىل كارتا بېجىرىش ئەندىزىسى ماجىرا پەيدا قىلغاندا، ئىستېمالچىلار بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى ھەمىشە پۇل قايتۇرۇش مەسىلىسى سەۋەبىدىن تالاش- تارتىش قىلىشىدۇ.

ئىستېمالچىلار مۇنتىزىم بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىنى تاللاپ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن باشقا، كارتا بېجىرىشتىن بۇرۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورۇنلىرى تەمىنلىگەن ئەندىزىلىك توختامنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئىستېمالچىلار يەنە ئالاقىدار توختام، ھەق تاپشۇرۇش تالونى، پىكىر ئالماشتۇرۇش خاتىرىسى ۋە دەرسلىككە قاتنىشىش قېتىم سانى ياكى كارتا ئىشلىتىش ۋاقتىغا ئالاقىدار خاتىرىلەر قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاپ، تالاش- تارتىش پەيدا بولغاندا تېخىمۇ ياخشى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى كېرەك.

بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورۇنلىرىمۇ ئۆزىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئۆستۈرۈشى، بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا، يەنە خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارغا ئازادە، خاتىرجەم مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

بەدەن چېنىقىش ئورۇنلىرى يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ كارتا بېجىرگەن ۋاقتى، سوممىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش تەپسىلاتىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىشى، ياخشى ساقلىشى ھەمدە ئۆزلىرى تەمىنلىگەن ئەندىزىلىك توختامغا ئۆزلىرىنى مەسئۇلىيەتتىن خالاس قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان ئۈنۈمسىز، مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان ماددىلارنى قوشۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.