يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېكىتىش چارىسى» 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان
【发布时间】2021-07-08  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى بېكىتىش چارىسىدە ئەسلىدە بېكىتىلگەن «1 ـ، 2 ـ دەرىجىلىك ئەقلىي، روھىي جەھەتتىن مېيىپلەر، 1 ـ دەرىجىلىك پۇت ـ قولى مېيىپلەر» نى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق دەپ بېكىتىش ئاساسىدا، «3 ـ دەرىجىلىك ئەقلىي، روھىي جەھەتتىن مېيىپلەر، 2 ـ دەرىجىلىك پۇت ـ قولى مېيىپلەر ۋە 1 ـ دەرىجىلىك كۆرۈش ئىقتىدارى يوق مېيىپلەر» كۆپەيتىلىپ، يۇقىرىقى مېيىپلارنى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق دەپ بېكىتىش بەلگىلەنگەن.

 ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى «تۇرمۇش مەنبەسى يوق» دەپ بېكىتىشنىڭ كونكرېت شەرتى ئۇلارنىڭ كىرىمى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولۇشى، ھەمدە مال ـ مۈلكى شۇ جاينىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ مال ـ مۈلۈك ئەھۋالى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەككەن. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «بېكىتىش چارىسى» دە نەپىقە پۇلىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىرىمىگە كىرگۈزمەسلىك ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئەسلىدىكى «شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى» دېگەن بايان قېلىپلاشتۇرۇلۇپ «مەركەز بېكىتكەن شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى» دەپ بايان قىلىنغان.