بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىشتىن كېلىپ چىققان دېلونى
【发布时间】2021-07-12  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 سەيشى سودا ( شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى خۇڭيۈ ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدا سەيشى شىركىتى ھوقۇقىغا بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تاۋار ماركىسى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە بەلگىسى بار قول سومكىسىنى ساتقانلىقىنى بايقاپ، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلدى دېگەن سەۋەب بىلەن، خۇڭيۈ شىركىتى ۋە دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىغا قاراشلىق شىركەت بېيجىڭ ۋېيبو شجيې (微播视界) پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. 

 دەۋاگەر سەيشى شىركىتى مۇنداق دېگەن: شىركەت ئاجاشا تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ئىككى تاۋار ماركىسىنى مۇستەقىل ئىگىلەپ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. جاۋابكار خۇڭيۈ شىركىتى ھوقۇق بېرىلمەي تۇرۇپ، دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىنىڭ ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق تاۋار ماركىسى بەلگىسى بار ئىككى خىل قول سومكىسىنى بىۋاسىتە كۆرسەتكەن ھەم ساتقان، بۇ قىلمىش سەيشى شىركىتىنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان؛ جاۋابكار بېيجىڭ ۋېيبو شىجيې پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى باشقۇرغۇچى تىجارەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇڭيۈ شىركىتىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان قىلمىشىغا قارىتا مۇۋاپىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن، خۇڭيۈ شىركىتى بىلەن بىرلىكتە قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

 خۇڭيۈ شىركىتى مۇنداق دېگەن: دېلوغا چېتىشلىق تاۋارنى سېتىشتا دېلو سىرتىدىكى كىشى قانۇنلۇق ھوقۇق بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، دېلوغا چېتىشلىق تاۋارنى سېتىشنىڭ دېلوغا چېتىشلىق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغان مەھسۇلات ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېلوغا چېتىشلىق تاۋارنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن، شۇڭا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىمىزگە ئالماسلىقىمىز كېرەك. خۇڭيۈ شىركىتى يەنە مۇنداق دېگەن: دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئابونچىلارنىڭ ئابونچىلار كېلىشىمى ۋە شەخسىي سىر ماددىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلالمىغان، ھەمدە ئابۇنىچىلار بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا ئالاقىدار قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئەسكەرتمىگەن. 

 ۋېيبو شىركىتى ئۆزىنى ئاقلاپ مۇنداق دېگەن: سەيشى شىركىتى دېلوغا چېتىشلىق تاۋار چۈشۈرۈلگەن بەتتە كۆرسىتىلگەن ساتقۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئارقىلىق ھوقۇقىنى قوغدىسا بولىدۇ، ۋېيبو شىركىتىمۇ دېلوغا چېتىشلىق دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى سەيشى شىركىتىگە ئاشكارىلىغان؛ دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئابۇنىچىلار كېلىشىمىدە ئابۇنىچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلماسلىقى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ۋېيبو شىركىتى بۇ دېلودىكى دەۋا ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دېلوغا چېتىشلىق دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئابۇنىچىلار ئۇچۇرى ۋە دېلوغا چېتىشلىق تاۋارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان، ھازىر دېلوغا چېتىشلىق تاۋار سۇپىدىن چۈشۈرۋېتىلدى. دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئەمەس، ۋېيبو شىركىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى باشقۇرغۇچى تىجارەتچى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان. 

 سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ مۇنداق دەپ قارىغان: دېلوغا چېتىشلىق تاۋار ماركىسىنىڭ نۇسخىسى، تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ئىشلىتىلگەن تاۋار تۈرى، دېلوغا چېتىشلىق تاۋار، ئۇنىڭ باھا چېكىدىكى دەۋا قىلىنغان بەلگىسى، سەيشى شىركىتىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق تاۋار ماركىسىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرمىگەنلىكى قاتارلىق پاكىتلارغا بىرلەشتۈرۈپ، خۇڭيۈ شىركىتى تولۇق دەلىل ـ ئىسپات تاپشۇرۇپ، قىلمىشىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىدىكى سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمىغان، خۇڭيۈ شىركىتىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق تاۋارنى سېتىشى، تاۋار ماركىسى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇققا چېقىلىشنى شەكىللەندۈرگەن. 

 دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىغا قاراشلىق سۇپىنىڭ تىپىنى بېكىتىش توغرىسىدا، سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: ئالاقە تورى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە توردا سېتىش ئەندىزىسىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ئېلېكتىرونلۇق سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان سۇپا ئەنئەنىۋى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئاساسلىق تىجارەت كەسپى قىلىدىغان سۇپا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ئالاقە تورى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى، ئالاقە تورى ئۈن-سىن سۇپىسى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، مەزمۇن بىلەن تەمىنلەشنى ئاساسلىق تىجارەت كەسپى قىلغان سۇپىلار، ئابونچىلارنى توردا بىۋاستە سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. كېيىنكىسىگە نىسبەتەن، ئەگەر سودىلاشقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئەمەلىي تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ ئۆزى ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەبىرىگە ئۇيغۇن بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ تىجارەت قىلىدىغان سۇپىسىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى دەپ بېكىتىش كېرەك. 

 بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ دېلودىكى دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئابۇنىچىلىرى «تاۋار كۆزنىكى» ئىقتىدارىنى ئېچىش ئارقىلىق ئالاقە تورى تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ، سۇپىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش كۆرۈنمە يۈزىدە دېلوغا چېتىشلىق تاۋارنىڭ نامى، سۈرىتى، باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرسىتىلگەن. ئابونچىلار سۇپىدىكى«تاۋار كۆزنىكى» نى چەككەندىن كېيىن باشقا سۇپىلارغا سەكرىمەي تۇرۇپلا بىۋاستە تاۋار بېتىگە كىرىدۇ، دوۋيىن ئابونچىلىرى ھېسابات نومۇرىدىن دېلوغا چېتىشلىق تاۋارنى سېتىۋالغان زاكاز ئۇچۇرىنى بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرگەندە دوۋيىن بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى مال سېتىۋېلىش ماشىنىسىنى چېكىپ ئاندىن كىچىك سۇپىغا كىرىپ مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنى تاماملىغىلى بولىدۇ، دوۋيىن بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسى توردا بىۋاستە كۆرسىتىپ سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش شەكلى ئارقىلىق بۇ سۇپىدا سودىلاشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنى سودىدا كېلىشىش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، سودا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپلەر سودا پائالىيىتىنى مۇستەقىل قانات يايدۇرىدىغان سۇپا بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تەۋە؛ ۋېيبو شىركىتى دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىنى باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى ھېسابلىنىدۇ. 

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش تۈرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا پائالىيىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئالاھىدە قاتتىق بولغان ئىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، ھەمدە سۇپىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىشقا ئىجازەت بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىلغان-ئورنىتىلمىغانلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش تىجارىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى ياكى سۇپا ئەھدىنامىسى تۈزۈلدىمۇ-يوق ھەمدە ئېلان قىلىندىمۇ-يوق، بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتى، تاۋار قاتارلىقلارنى تەكشۈردىمۇ- يوق، پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈلگەنمۇ- يوق، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قائىدىسى ئورنىتىلدىمۇ- يوق، زۆرۈر بولغان ئەرز قىلىش، پاش قىلىش مېخانىزمىنى ئورناتتىمۇ-يوق، ئىشتىن كېيىن ۋاقتىدا ھەم زۆرۈر بولغان بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندىمۇ- يوق، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەرگە پائال ياردەملەشتىمۇ- يوق قاتارلىق جەھەتلەردىن سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ مۇۋاپىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىش كېرەك. سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا ئاساسەن ۋېيبو شىركىتىنىڭ ئەرز قىلىنىش ھەرىكىتىدە ئىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش، ئەسكەرتىش ۋە ئىشتىن كېيىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئادا قىلغانلىقى، مۇۋاپىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى بېكىتتى. 

 بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا خۇڭيۈ شىركىتىنى سەيشى شىركىتىنىڭ 300 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنى ۋە 10 مىڭ 598 يۈەن مۇۋاپىق چىقىمىنى تۆلەپ بېرىشى توغرىسىدا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقاردى.