يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، بالىلار بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىڭلار!
【发布时间】2021-07-26  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتە بالىلارنىڭ بالكوندىن چۈشۈپ كېتىش، قول بارمىقىنى ئىشىك قىسىۋېلىش، پۇتى توكسىكلىت ئارقا چاقىغا كىرىپ كېتىش قاتارلىق تاساددىپىي ۋەقەلەر كۆپ قېتىم يۈز بەردى. ئوت مۇداپىئە تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: بالىلار ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار. ئاتا ـ ئانىلار بالىلارغا، بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلارغا قاراش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى: بالىلار تار يوچۇق، تۆشۈك، لىفىت، دېرىزە تەكچىسى قاتارلىق ئاسان خەتەر يۈز بېرىدىغان جايلاردا ئوينىماسلىقى؛ بالىنىڭ بارمىقى قىسىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ھامان قارىغۇلارچە تارتىپ چىقارماي، يېمەكلىك يېغى، سوپۇن سۈيى قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى سۈركەپ سىلىقلاش، ئەگەر يەنىلا ئامال قىلالمىسا، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىشى كېرەك.