قۇدۇقنىڭ قاپقىقى بوشاپ كېتىپ «ئادەم چۈشۈپ كېتىش» ئەھۋالى يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك
【发布时间】2021-07-28  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 قۇدۇقنىڭ قاپقىقى بوشاپ كېتىپ «ئادەم چۈشۈپ كېتىش»، قۇدۇقنىڭ قوغداش تورى كەمچىل بولۇش، قۇدۇق قاپقىقى يول يۈزىدىن ئېگىز چىقىپ قىلىپ ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىق «كىچىك قۇدۇق قاپقىقى» جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ «چوڭ بىخەتەرلىكى» گە ئايلاندى. 2020- يىلى 4- ئايدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس «4- نومۇرلۇق تەپتىش تەكلىپى» نى تۈزۈپ تارقىتىپ، دىققەتنى قۇدۇق قاپقىقىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقىغان قۇدۇق قاپقىقىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەسىلىسىگە قارىتا، تۈرلۈك كونكرېت تەپتىش تەكلىپىدىن 1 مىڭ 976 نى تۈزۈپ تارقىتىپ، مەسىلە بار قۇدۇقنى باشقۇرۇشنى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قۇدۇق قاپقىقى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىدىن 313 مىڭ 250 نى تۈگەتكەن. 

 «4- نومۇرلۇق تەپتىش تەكلىپى» دە قۇدۇق قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش، ئاسراش جەريانىدا ساقلانغان تۆت جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئېنىق كۆرسىتىلىپ، سىستېمىلىق ھالدا تۆت جەھەتتە تەپتىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل 5- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇدۇق قاپقىقىدىن 58 مىڭ 345 نى ئالماشتۇرۇشىغا، چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى، قاپقاق ئىچىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسىدىن 284 مىڭ 625 نى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

 يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى يەنە تەپتىش تەكلىپى تۈزۈپ تارقىتىش، مەخسۇس نازارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قۇدۇق قاپقىقىنى لايىھەلەش، باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، مەسىلىنى مەنبەدىن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى.