ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چىراينى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى
【发布时间】2021-08-04  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چىراينى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. تىجارەت سورۇنىدا چىراي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەبىئىي ئىگە ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسىنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت، ھوقۇق بېرىشنى باغلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىدىن چىراي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلۇش ھوقۇققا چېقىلىشقا تەۋە. ئۇختۇرۇشتا يەنە، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ چىراينى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىقى مۇلازىمەت رايونىغا كىرىپ- چىقىشىنى دەلىللەشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «چىراي ئۇچۇرى سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرغا تەۋە، ئولتۇراق رايون خوجىلىقى چىراي ئۇچۇرىنى يىغىش، ئىشلىتىشتە چوقۇم قانۇن بويىچە ئۆي ئىگىلىرى ياكى خوجىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. پەقەت ئۆي ئىگىلىرى ياكى خوجىلىقنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چىراينى پەرقلەندۈرۈشنى ئىشلىتىشكە قوشۇلغاندىلا،ئاندىن چىراي ئۇچۇرىنى توپلاش، ئىشلىتىش قانۇنلۇق ئاساسقا ئىگە بولىدۇ».