بۇ «ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» 2021- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن
【发布时间】2021-08-18  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئورگان تورىدا «ناخشا- ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىكى كارا OK مۇزىكىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» نى بىسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ناخشا- ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى قانۇنلۇق بولغان كارا OK مۇزىكىلىرىنى ئىشلىتىش، قانۇن ـ نىزاملاردا چەكلەنگەن مەزمۇنلار بار كارا OK مۇزىكىلىرىنى ئىشلىتىشىگە بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ «ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» 2021- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

 «ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرى ناخشا- ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىكى كارا OK مۇزىكىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ مەملىكەتلىك ۋە جايلاردىكى مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش كەسپىي جەمئىيەتلىرى ناخشا- ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ كارا OK مۇزىكىلىرىنىڭ مەزمۇنى جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ قائىدە تۈزۈش ۋە نازارەت قىلىپ يولغا قويۇشقا؛ ناخشا تەلەپ قىلىش سىستېما مەزمۇنىنى تەمىنلىگۈچى تەرەپ، ناخشا- ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ مەسئۇللىرى كارا OK مۇزىكىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

相关阅读