دۆلىتىمىز نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، جەمئىيەت تەربىيەلەش خىراجىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى
【发布时间】2021-08-24  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى يېقىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. بۇ، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، بۇ قانۇنغا يەنە بىر قېتىم زور تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھېسابلىنىدۇ. 

 ھازىرقى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى 2002-يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2015-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، جەمئىيەت تەربىيەلەش خىراجىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق چەكلەش تەدبىرلىرى نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ، پائال پەرزەنتلىك بولۇشقا مەدەت بېرىش تەدبىرلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇنقى پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلدى.