تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى كۆپ يۈز بەرگەن. 18 شەھەر ئاھالىسى ئالدىنىپ، 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچرىغان
【发布时间】2021-09-26  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يېقىندا خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىش ۋە قوشۇمچە ساختا زاكاز چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئالدامچىلىق ئەھۋالى كۆپ يۈز بەرگەن. 18 شەھەر ئاھالىسى ئالدىنىپ، 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچرىغان. دېلونىڭ يۈز بىرىش سەۋەبى ئاتالمىش خېرىدارلار مۇلازىمىتىدىن تېلېفون كېلىش بولۇپ، توردىن سېتىۋالغان مالدا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلدى، مال سېلىش كېچىكتۈرۈلدى، دۇكاندارلارنىڭ مەشغۇلاتىدا خاتالىق كۆرۈلدى دېگەن نامدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل قايتۇرۇلۇپ بېرىلىپ تۆلەم بېرىلىدۇ، دېيىلىدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرىنى چىپار كودنى سىكاننېرلاپ، كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرغۇزۇش ئارقىلىق، ئالدامچىلىق قىلىدىكەن. يەنە، قىسقا ئۇچۇر ئېلانى تارقىتىش بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللانسا 6 يۈەن پايدا قايتۇرۇشنى يەمچۈك قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ساختا زاكاز چۈشۈرۈشكە جەلپ قىلىشمۇ باركەن. 

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شەھەر ئاھالىلىرىگە مۇنداق ئەسكەرتمە بەردى: 

  1. ئازغىنا پايدىنى كۆزلىمەڭ، ھەقسىز قىزىل بولاق ئېلىش، ساختا زاكاز چۈشۈرسە پايدا تەقسىملەش، مەبلەغ سالسا پايدا ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقى بولۇپ، ھەرگىز ئالدىنىپ قالماڭ. ساختا زاكاز چۈشۈرۈش قانۇنغا خىلاپ، ساختا زاكاز چۈشۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ساختا زاكاز چۈشۈرۈش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلغاندا توسۇپ ئۆچۈرۋىتىڭ. 

  2. سۈپەت تۆلىمى بېرىش، پۇل قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇقتۇرۇشلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، مۇنتىزىم سۇپا ئارقىلىق ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك. ئۇلانمىسى بار قىسقا ئۇچۇرنى ئاسانلىقچە چەكمەڭ، باشقىلارغا بانكا دەلىللەش نومۇرى ئۇچۇرىنى خالىغانچە ئېيتىپ بەرمەڭ.

相关阅读