بوغدا كۆلى بوغدا چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش پائالىيىتى چەكلەندى
【发布时间】2021-09-30  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 9- ئاينىڭ 22- كۈنى «شىنجاڭ بوغدا كۆلى بوغدا چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش پائالىيىتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى، ئۇختۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ بوغدا كۆلى بوغدا چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئېلىمىزدىكى مۆتىدىل بەلباغ چۆللۈك رايونلىرىدا ساقلانغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سانى ئەڭ كۆپ، تەبىئىي مەنزىرە بەلبېغى سپېكترى ئەڭ مۇكەممەل، ئېكولوگىيە سىستېمىسى كۆپ خىل رايون بولۇپ، مۇھىم ساقلاش، تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم دالا ھەرىكىتى ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى تور بېكىتىدە ئېلان چىقىرىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىدىن قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بوغدا چوققىسى ئىگىز تاغ مۇزلۇق رايونىنىڭ ئاجىز ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە ياۋايى ھايۋانلار ماكانلاشقان جايغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتتى، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك ئۇختۇرۇش چىقىرىلدى. 

 1. شىنجاڭ بوغدا كۆلى بوغدا چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان بوغدا چوققىسى ھەمدە شىمالىدىن بوغدا كۆلى خەينەنگىچە، سىگۇڭ دەرياسى بىلەن شۈيموگوۋ دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلاردا، بارلىق ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ يادرولۇق رايونغا خالىغانچە كىرىپ قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى چەكلىنىدۇ. 

 2. فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاپىزەت رايونىدىن قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش ھەرىكىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

 3. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ياكى شەخسلەر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ھامان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قاتتىق جازالىنىدۇ.

 4. قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈپ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئالاقىدار قانۇن- نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ھەتتا جىنايى ئىشلار بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 5. قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان تالاپەت قاتارلىق ھادىسىلەردە جاۋابكارلىقنى قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن ئورۇن ياكى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ.

 شىنجاڭ بوغدا كۆلى بوغدا چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى ئېغىزى قاتارلىق جايلاردا باشقۇرۇش، قوغداش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىغا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قانۇن- نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، ھەمدە مۇھاپىزەت رايونىدىن قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش دېلوسىغا ئالاقىدار يىپ ئۇچىنى توپلاپ، قانۇنسىز كېسىپ ئۆتكەنلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

相关阅读